نەشپۈت، كۆك ئامۇتنىڭ(大头梨) يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ، خۇشپۇرىقى كۈچلۈك، پوستى نېپىز، ئېتى يۇمران، شەربىتى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. نەشپۈت ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە، شىنجاڭ كورلىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى، سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولۇپ، نەشپۈت تېرى دائىرىسى 24 مىڭ موغا يىتىدۇ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1000 توننىدىن ئارتۇق.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 香梨
باشقىچە ئاتىلىشى: كۆك ئامۇت
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئەتىرگۈل ئەترىتى—ئەتىرگۈل ئائىلىسى—ئامۇت ئۇرۇقدىشى
تارقالغان رايون: جۇڭگۇ شىنجاڭ

ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ھەر 100 گىرام نەشپۈت تەركىبىدە، تەخمىنەن 51 كىلو كالورىيە ئېنېرگىە، 0.3 گىرام ئاقسىل، 0.1 گىرام ياغ، 13.6 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 2.7 گىرام ئىرىمەس تالا ماددىسى، 1 مىللىگىرام ناترىي، 7 مىللىگىرام ماگنىي، 31 مىللىگىرام فوسفور، 90 مىللگىرام كالىي، 6 مىللىگىرام كالتسىي، 0.06 مىللىگىرام مانگان، 0.4 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.09 مىللىگىرام مىس، 0.19 مىللىگىرام سىنىك، 0.2 مىكروگىرام سېلىن، 12 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.1 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا بار.

نەشپۈت ھەققىدە رىۋايەت
نەشپۈتكە دائىر گۈزەل بىر رىۋايەت بار.
قەدىمكى زاماندا ھەلىمە ئىسىملىك بىر قىز بار بولۇپ، ئۇ يۇرتداشلار يەيدىغان نەشپۈت بار بولۇش ئۈچۈن، شەرق تەرەپكە قاراپ 99تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ 99 جايغا بارغان ھەمدە ئاخىرىدا 99 خىل نەشپۈت دەرىخى ئېلىپ كەلگەن. لېكىن ھەلىمە ئېلىپ كەلگەن نەشپۈت دەرەخلىرىنى تىككەندىن كېيىن، 98 خىل نەشپۈت دەرىخى ئاينىماي ئۆلۈپ قالغان، پەقەت بىرلا نەشپۈت دەرىخى، ھەلىمەنىڭ يۇرتىدىكى نەشپۈت دەرىخىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇلىنىپ كۆكلەپ مىۋە بەرگەن. نەشپۈت مىۋە بەرگەندىن كېيىن، يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ تېتىپ باققاندىن كېيىن ھەلىمەگە رەھمەت ئېيتىشقان. بۇ ئىش شۇ يۇرتتىكى باي غوجامنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن، باي كىلىپ بۇ نەشپۈت دەرىخىنى سېتىۋالماقچى بولغان ھەمدە ھەلىمەنىڭ نەشپۈت دەرىخىنى يىتىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى باشقىلارغا تارقىتىشىغا يول قويمىغان؛ ئەمما ھەلىمە باينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان، بۇنى ئاڭلىغان باي چوماقچىلىرىنى بۇيرۇپ نەشپۈت دەرىخىنى كەستۈرۋەتكەن ھەمدە ھەلىمەنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، ئىككىنچى يىلى، كىسىۋىتىلگەن نەشپۈت دەرىخىنىڭ يىلتىز قىسىمىدىن يېڭى نوتا كۆكلەپ چىققان. يۇرتداشلار باينىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېڭى كۆكلەپ چىققان نوتىنى يۆتكەپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، نەشپۈت دەرىخى يىتىشتۈرۈش كورلا يۇرتىغا كەڭرى تارقالغان.
