شاپتۇل(桃)
5 يىل ئىلگىرى تەمزات 240334:ئادەم ئۆگەندى

   شاپتۇل ئۆسۈملۈك مىۋىسىگە تەۋ، ئېتى شەربەتلىك كىلىدۇ، دەرەختىن ئۈزۈپ خام پېتى يىيىشكە ياكى شاپتۇل قېقى، كونسىرۋا قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى:
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Amygdalus persica L.
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئىپتىدائىي گۈللۈكلەر كەنجى سىنىپى—ئەتىرگۈل ئەترىتى—ئەتىرگۈل ئائىلىسى—شاپتۇل ئۇرۇقدىشى
   نام بەرگۈچى:  L.Batsch 
   نام بىرىلگەن ۋاقىت: 1832-يىلى
   ئېنگېلىزچە ئاتىلىشى: Peach
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام شاپتۇل تەركىبىدە، تەخمىنەن 39 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 0.9 گىرام ئاقسىل، 0.2 گىرام ياغ، 0.1 گىرام كۆپلەمچى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 0.1 گىرام بىرلەمچى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 9.5 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 8.4 گىرام شېكەر، 1.5 گىرام تالا ماددىسى، 4 مىكروگىرام فولىن كىسلاتاسى، 9 مىللىگىرام ماگنىي، 20 مىللىگىرام فوسفور، 190مىللىگىرام كالىي، 6 مىللىگىرام كالتسىي، 0.2 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.17 مىللىگىرام سىنىك، 16 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.02 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.03 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 0.81 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.03 مىللىگىرام ۋىتامىن B6، 6.6 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 0.73 مىللىگىرام ۋىتامىن E، 2.6 مىكروگىرام ۋىتامىن K بار.
ئاساسلىق قىممىتى
   شاپتۇلنىڭ ئۆمۈر مىۋىسى دېگەن نامى بار بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن "ئالەمدىكى بىرىنچى مىۋە" دەپ نام بىرىلگەن. شاپتۇل تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، يېمەكلىك تالا، كالتسىي، كالىي، ھەر خىل ۋىتامىن قاتارلىق كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار. بۇندىن باشقا، شاپتۇل يىلىمىنى يەملىگۈچى ئورنىدا ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئىستېمال قىلىشقا ھەم دورىلىق ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئانار(石榴)

ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋە ۋىتامىن C فول

ياڭاق ۋە سالامەتلىك

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىت

بانان(香蕉)

بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىب

بۆلجۈرگەن(草莓)

بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئاپلىسىن(橘子)

ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندى

مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)

مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号