قوغۇن (哈密瓜)
5 يىل ئىلگىرى تەمزات 238640:ئادەم ئۆگەندى

   قوغۇن، كەڭ ئۇچرايدىغان يازلىق مىۋىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، شېكەر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 21 پىرسەنتكە يىتىدۇ.
   خەنزۇچە ئىسىمى: 哈密瓜
   رايون بەلگىلى بولۇپ تەستىقلانغان ۋاقىت: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 30- كۈنى
   بەلگىسى قىلىپ بېكىتىلگەن رايون: شىنجاڭ قۇمۇل
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام قوغۇن تەركىبىدە، تەخمىنەن 34 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 0.5 گىرام ئاقسىل، 0.1 گىرام ياغ، 7.9 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.2 گىرام تالا ماددىسى، 27 مىللىگىرام ناترىي، 19 مىللىگىرام ماگنىي، 19 مىللىگىرام فوسفور، 190 مىللىگىرام كالىي، 4 مىللىگىرام كالتسىي، 0.01 مىللىگىرام مانگان، 0.01 مىللىگىرام مىس، 0.13 مىللىگىرام سىنىك، 1.1 مىكروگىرام سېلىن، 153 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.01 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 12 مىللىگىرام ۋىتامىن C قاتارلىقلار بار.
   قوغۇن ئاساسلىقى تۇرپان قۇمۇل ئويمانلىقىدىن تارقالغان بولۇپ، ئېتى مول، تەملىك ھەم چۈرۈك. قۇمۇل قوغۇنى، شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئوردىغا ئوپان ھىسابىدا تاپشۇرۇلىدىغان ئالاھىدە يېمەكلىككە ئايلانغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، قۇمۇل ۋاڭى تەرىپىدىن ئوردىغا ئوپان ھىسابىدا تاپشۇرۇلغاندا، كاڭشى خان تەرىپىدىن "قۇمۇل قوغۇنى" دەپ نام بىرىلگەن.

ئانار(石榴)

ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋە ۋىتامىن C فول

ياڭاق ۋە سالامەتلىك

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىت

بانان(香蕉)

بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىب

بۆلجۈرگەن(草莓)

بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئاپلىسىن(橘子)

ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندى

مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)

مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号