ئالما(苹果)
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 314800:ئادەم ئۆگەندى
   ئالما، ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئالما دەرىخى يۇپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخكە تەۋە. ئالمىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار، كالتسىي قاتارلىق مىنرالنى ئىلمىنتلار مول؛ شۇڭلاشقا، ئالما بەدەندىكى ئارتۇق تۇز تەركىبلىرىنى مىتابولىزىملاپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتىشكە پايدىلىق. بۇندىن باشقا، ئالما يەنە بەدەندىكى ئېنېرگىيەنى مىتابولىزىملاپ، بەدەننىڭ ئاستى قىسىمىنىڭ سەمىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 苹果
لاتىنچە ئاتىلىشى: Malus domestica
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر كەنجى تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئەتىرگۈل كەنجى سىنىپى—ئەتىرگۈل ئەترىتى—ئەتىرگۈل ئائىلىسى—ئالما كەنجى ئائىلىسى—ئالما ئۇرۇقدېشى
تارقالغان رايونلىرى: شىمالى يېرىم شاردىكى مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100گىرام ئالما تەركىبىدە، 50كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 0.2گىرام ئاقسىل، 0.2گىرام ياغ، 13.5گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 1.2گىرام تالا ماددىسى، 3مىكرو گىرام ۋىتامىنA، 20مىكروگىرام كاروتىن، 0.06مىللىگىرام ۋىتامىنB1، 0.02مىللىگىرام ۋىتامىنB2، 0.2مىللىگىرام نىكوتىن كىسلاتا، 4مىللىگىرام ۋىتامىنC، 2.12مىللىگىرام ۋىتامىنE، 4مىللىگىرام كالتسىي، 12مىللىگىرام فوسفور، 119مىللىگىرام كالىي، 1.6مىللىگىرام ناترىي، 4مىللىگىرام ماگنىي، 0.6مىللىگىرام تۆمۈر، 0.19مىللىگىرام سىنىك، 0.12مىكروگىرام سېلىن، 0.06مىللىگىرام مىس، 0.03مىللىگىرام مانگان بار.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   ئالما تەركىبىدە كالىي نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇق ناترىي بىلەن بىرىكىپ، ناترىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. ئادەم بەدىنى زىيادە كۆپ ناترىي قوبۇل قىلغاندا، ئالما يەپ بەرسە، بەدەندىكى ئېلېكترولىتلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. ئالما تەركىبىدىكى فوسفور ۋە تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار، ئاسانلا ئۈچەي دىۋارى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ قاننى جانلاندۇرۇش ۋە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولىنى ئۆتەيدۇ.
   ئالما تەركىبىدە، ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل مىكرو ئىلمىنتلار ۋە ۋىتامىنلار بار بولۇپ، ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ساغلام مىۋىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇندىن باشقا، ئالما ئۇرۇغىنىڭ "ھاياتلىق ئامبىرى" دېگەن نامى بار بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئالما ئېتىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئالما ئۇرۇغى تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ھورمۇنى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجرىلىشىنى ئۈنۈملۈك ھەم قوش يۆنىلىشلىك تەڭشەپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ مىكرو ئايلانمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. لېكىن، ئالما ئۇرۇغىنىڭ تەركىبىدە، يەنە زەھەرلىك ماددىمۇ بار بولۇپ، گەرچە ئادەمنى زەھەرلىگۈدەك مىقداردا بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەتتە ئالما ئىستېمال قىلغاندا، يەنىلا ئۇرۇغىنى يەپ سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئانار(石榴)

ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋە ۋىتامىن C فول

ياڭاق ۋە سالامەتلىك

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىت

بانان(香蕉)

بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىب

بۆلجۈرگەن(草莓)

بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئاپلىسىن(橘子)

ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندى

مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)

مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号