خام ماتىريالى: يەرلىك توخو1دانە ،ئالقات 8دانە.
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز ،ئاقمۇچ ، زەنجىۋىل ،ئالقات
تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇنى بوغۇزلاپ ئادالاپ پاكىز يۇيۇپ ياڭاق چوڭلىقىدا قىلىپ پارچىلايمىز .زەنجىۋىل بەشمەرەك بارماقچىلىك چوڭ چوڭ قىلىپ توغرايمىز. ماتىرىياللار نى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن قازانغا سۇ قۇيۇپ توخو گۆشىنى سالىمىز . ئاندىن توغراپ قويغان زەنجىۋىل سېلىپ نورمال ئوتتا توخو پىشقۇچە قاينىتىمىز. (يۇقىرى بېسېملىق قازاندا پۇشۇرساق 20 مىنۇتتىن 25 مىنۇتقىچە پىشۇرساق بۇلىدۇ ) توخو پىشقاندا تۇز ئاقمۇچ سېلىپ تەمىنى ياخشى تېتىپ . قاچىغا ئۇسۇپ .ئاندىن ئازراق غولپىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئالقاتنى سېلىپ ئېستىمال قىلساق بولىدۇ .
ئالاھىدىلىكى :توخو گوشى تەبىئىتى موتىدىل ،شورپا قىلىپ ئىچكەن دە ئوزۇقلۇق قىمىتى يوقىرى بۇلۇپ بەدەنگە ياخشى قۇۋۋەت بۇلىدۇ.توخۇ شورپىسى زۇكامنى داۋالايدۇ ،ئوپكىنى تازلايدۇ .
توخو شورپىسى ئىچسە بولمايدىغان كىشىلەر
قاندىكى ياغ تەركىبى يۇقىرىلار : بۇنداق كىشىلەر توخۇ شورپىسى كۆپ ئىچسە ، قاندىكى ياغ تەركىبى تېخىمۇ ئېشىپ ، قان تومۇر پەردىسىدە نوكچا ھاسىل قىلىپ ، قان قېتىشىشنى پەيدا قىلىدۇ .
قان بېسىمى يۇقىرىلار : توخۇ شورپىسىنى داۋاملىق كۆپ ئىچكەندە ئارتېرىيە قېتىشىشتىن باشقا ، يەنە قان بېسىمىنى داۋاملىق ئۆرلىتىۋېتىدۇ .
بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلار : توخۇ شورپىسى يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ، يۇقىرى ئازوتلۇق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ .
ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر : توخۇ شورپىسى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئاشقازان يارىسى ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر ياكى پات – پات ئاشقازىنى قاناش تارىخى بارلار توخۇ شورپىسىنى كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك .

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور
قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە
كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل
بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري
ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا
شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号