ياز كۈنلىرىدە، تاماق يىگەندە يىڭىچە تەمدىكى چىلىغان كۆكتات قوشۇپ يىسىڭىز، سىزگە باشقىچە تېتىشلىق تۇيىلىدۇ. تۆۋەندە بىز تەييارلىنىشى ئاددى ئەمما تەمى ياخشى كەلگەن بىر خىل چىلىغان كۆكتات تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

كىتەرلىك ماتىريال:
ھېسىۋىلەك، سامساق، يىڭى سوڭپىياز، تۇرۇپ، تۇز زەنجىۋىل، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاق شىكەر

تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ھېسىۋىلەكنى يۇيۇپ پاكىزىلاپ، توغراپ ئارلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان داسقا سالىمىز. كەينىدىن ئۈستىگە ئىككى قوشۇق تۇز تۆكۈپ، قولىمىزغا پىلاستىر پەلەي كىيىپ تۇرۇپ، تۇزنى ھېسىۋىلەك ئۈستىدە يىنىك بېسىپ بىرىمىز. داسقا ھېسىۋىلەك پۈتۈنلەي چۆكەشكىچىلىك سۇ قۇيىمىز؛ ( ھېسىۋىلەكنىڭ ئۈستىگە تەخسىدىن بىر نى قويۇپ بېسىپ بىرىشىمىز كىرەك) ؛ مۇشۇ ھالەتتە 3 سائەتتىن ئارتۇق قويىمىز، ئەڭ ياخشىسى بىر ئاخشام قويۇپ قويۇش كىرەك؛ بۇ جەرياندا بەسەينى ئىككى ئۈچ قېتىم ئۆرپ مالتىلاپ بىرىش كىرەك.

2. تۇزلاپ تەييار قىلغان ھېسىۋىلەكنى ئۆتكۈزگۈچكە سېلىپ، سۇدا چايقايمىز؛ چايقاپ بولغاندىن كىيىن، ئۆتكۈزگۈچ تورى بىلەن ھېسىۋىلەكنى ئېلىپ بىر ياندا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قۇرىتىمىز.
3. پىيالىگە شىكەر ۋە قىزىلمۇچ قىيامى سېلىپ، ئۇنىڭغا بىر قۇشۇق سۇ قۇيۇپ، ئۇماچ ھالىتىگە كەلگىچىلىك قوچۇيمىز؛ يەنە بىر چىنە تەييارلاپ، ئىككى ئىستاكان سۇ ۋە بىر قوشۇق تۇزنى تەڭشەپ، ئېشلىتىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويىمىز.
4. تۇرۇپ، زەنجىۋىل، سوڭپىياز، سامساق قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق چوڭ كىچىكلىكتە توغراپ، ھېسىۋىلەك بىلەن بىللە، ئارىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان داسقا سېلىپ، ئالدىدا تەييار قىلىۋالغان قىيامنى ئۈستىگە قۇيىمىز. ھەمدە قىيامنى كۆكتاتلارنىڭ يۈزىگە تەكشى سۇۋايمىز
5. تەييار بولغان چىلانغان كۆكتاتنى باشقا قاچىغا سېلىپ، 3- باسقۇچتا تەييار قىلغان تۇز سۈيىنى ئۈستىگە قۇيىمىز ھەمدە قاچىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ، سىرتتا كۈن نۇرۇ چۈشىدىغان جايدا بىۋاستە 24 سائەت ئاپتاپقا سالىمىز؛ 24 سائەتتىن كىيىن قاچىنىڭ ئېغىزىنى ئاچساق، ئازراق پۇراپ قالغاندەك پۇراق چىقسا، كۆكتاتنى توڭلاتقۇغا يۆتكەپ، يەيدىغان ۋاقىتتا توڭلاتقۇدىن ئېلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.


دىېھقانچە چىلىغان تۇرۇپ پوستى ئىسمى؛دىېھقانچە چىلىغان تۇرۇپ پوستى <农家罗卜皮> ئاساسلىق ماتېرىيال ؛ 1-. ئاق لوبو يەنى<水罗卜>ئىككى كىلو قوشۇ
ئاساسلىق كېرەكلىك ماتىرياللار : ئاق تۇرۇپ 1 كىلو ، تۇز 50 گىرام ، سامساق 5 تال ، ئاق ئاچچىقسۇ 500 مىللىلىتىر ، لىمون شىرنىسى مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش ئۇسۇلى:پېچەكگۇلنىڭ پۇستىنى ئاقلاپ پاكىز يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.قازانغا سۇقۇيۇپ پېچەكگۇلنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ
خام ماتىريالى: يېسۋېلىك بىر تۇپ، تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، چۈچۈتۇلگەن ياغ، ئاچچىقسۇ، كاۋاۋىچىن ئۇنى، قىزىلمۇچ ئۇنى، تېتىتقۇ، قىزىلمۇچ يېغى چى
ئىشلەش ئۇسۇلى: يىسىۋەلەكنى پاكىز يۇيۇپ ،سۈيىنى ساقىتىپ ئۇزۇنسىغا 4 پارچە قىلىپ توغرايمىز ئالمىنى ئاقلاپ ئۇرۇقچىللىرىنى چىقىرىپ توغرا
كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق كۈتۈنۈش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆكتاتنى ئاساس قىلىپ ئۇزۇقلىنىدى
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号