ئايال كىشى ئىرىنىڭ ئۆيىدىكى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
   ھەممە ئۆينىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئوخشىمىغان ئائىلىدە ئوخشىمىغان زىددىيەتلەر مەۋجۇت بولىدۇ. بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئەمما قېيىنئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، يەنىلا گەپ سۆزگە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك.
   قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى ساقلاشتا، نۇرغۇنلىغان ۋاقىت ۋە زىھىن سەرپ قىلىشقا توغرا كىلىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىڭىزغا بىرەر نەرسە سېتىۋالغاندا، قېيىنئانىڭىزغىمۇ ئازراق نەرسە كىرەك سېتىۋىلىشنى بىلىشىڭىز كىرەك، بولمىسا ئىرىڭىز بىلەن قېيىنئانىڭىزنىڭ كۆڭلى رەنجىپ  قالىدۇ. ئىرىڭىزنىڭ ئۆيىدىكى ئىشلارغا نىسبەتەن، ياردەم قىلىشقا تىگىشلىك بولغانلىرىغا، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ياردەم قىلىشىڭىز، ياردەم قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغانلىرىغا، ھەرگىز ئارىلىشىپ قالماسلىقىڭىز كىرەك.
   ئالدى بىلەن، ئىرىڭىزنىڭ تۇققانلىرىنى يۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى، بۇ سىزنىڭ مەجبۇرىيىتىڭىز ئەمەس. قائىدە بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، قېيىنئاتا-قېيىنئانىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياردەم قىلىشىڭىز كىرەك، ئەمما بۇ خىل ياردەم پۇل ئۈستىگە قۇرۇلماسلىقى كىرەك. شۇڭلاشقا، بۇنىڭدا سىزنىڭ لايىقىدا ئىش كۆرىشىڭىز لازىم بولىدۇ.
   ئىككىنچىدىن، قېيىنئانا-قېيىنئاتامغا بولۇشتۇم دەپ قاراپ، ئىرىڭىزنىڭ بىر تۇققانلىرىنى ئەيىبلىسىڭىز بولمايدۇ. قېيىنئانىڭىز بىلەن قېيىنئاتىڭىز ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن مۇنازىرلىشىپ گەپ تالىشىپ قالسا، سىز ھەرگىز چوڭلارغا بولۇشۇپ ئىرىڭىزنىڭ بىر تۇققانلىرىنى ئەيىبلىسىڭىز بولمايدۇ، ئۇلارنى تىللاپ ھاقارەتلەشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا، قېيىنئانا-قېيىنئاتىڭىز سىزدىن ھەرگىز خوش بولمايدۇ؛ ئەكسىچە، بالامنى ھاقارەت قىلدى دەپ سىزدىن خاپا بولىدۇ.
   ئۈچىنچىدىن، چوڭ ئىشلاردا گەپ قىستۇرۇپ، قېيىنئانا-قېيىنئاتىڭىز ئۈچۈن قارار چىقىرۋەتمەڭ.  كۈندىلىك تۇرمۇشتا، قېيىنئانا-قېيىنئاتىڭىزنىڭ ھالىدىن ئەلۋەتتە ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ياردەملىشىدىن ئىشلاردا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ياردەم قىلىشىڭىز كىرەك؛ بىراق، بەزىبىر مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە، ئۆزىڭىزنىڭ تەكلىۋىنى ئۇلارغا تاڭماسلىقىڭىز، ھەتتا ئۇلارنىڭ قارار چىقىرىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقىڭىز كىرەك.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号