يېسى پۇرچاقتا ئاچچىق-چۈچۈك سۇغۇق سەي تەييارلاش
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 70392:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن تۇنۇشتۇرىدىغان بۇ سۇغۇق سەي، تەييارلاش ئاددى، ئىشتىھانى ئاچىدىغان بولۇپلا قالماي، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان كىشىلەرنىڭ يىيىشىگە ئەڭ ماس كىلىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    يېسى پۇرچاق، ئۇششاق قىزىلمۇچ، چانالغان سامساق، سوقۇلغان قىزىلمۇچ
كىتەرلىك تەم-خۇرۇچلىرى
    يىمەكلىك مېيى، تۇز، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، ئاق شىكەر، كۈنجۈت مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى

-Step 1-
يېسى پۇرچاقنى پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، ئۇزۇنراق بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز

ئۇششاق قىزىلمۇچنى يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە توغرايمىز.

-Step 2-
قازاندا سۇ قاينىتىپ، يېسى پۇرچاقنى سالىمىز.

بىر قوشۇق يىمەكلىك مېيى قۇيىمىز.
يېرىم قوشۇق تۇز قوشىمىز، بۇنىڭدا يېسى پۇرچاقنىڭ سۇ تەركىبىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ھالەتتە 5 مىنۇت قايناتساق بولىدۇ.

پىشقاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ، سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويىمىز؛ بۇنىڭىدا يېسى پۇچاقنىڭ يىشىل پارقىراقلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ.


-Step 3-
چىنىگە چەمبەر شەكىلدە توغرالغان ئۇششاق قىزىلمۇچ ۋە چانالغان سامساقنى سالىمىز.

سوقۇلغان قىزىلمۇچنى سالىمىز.

ئىككى قوشۇق قىزىتىلغان ماي قوشۇپ، قىزىلمۇچ ۋە سامساقنىڭ تەمىنى چىقىرىمىز.

ماينىڭ تىمپىراتۇرسى تۆۋەنلىگەندىن كىيىن، ئىكى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشىمىز.

بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قوشىمىز.

يېرىم قوشۇق كۈنجۈت مېيى قۇيىمىز.

يېرىم قوشۇق ئاق شىكەر قوشىمىز.

بىر قوشۇقتىن ئازراق تۇز قوشىمىز.

تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.


-Step 4-
    سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويغان يېسى پۇرچاقنى تەخسىگە ئېلىپ، ئالدىدا تەييارلىۋالغان قىيامنى ئۈستىگە تۆكسەك، بۈگۈنكى ئاچچىق-چۈچۈك سۇغۇق سەي تەييارلانغان بولىدۇ.


-Step 5-
    يېسى پۇرچاقنى پىشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇنىڭدا تەمى تېخىمۇ چۈرۈك بولىدۇ. ئەگەر ئاچچىق يىمىسىڭىز، كۈنجۈت قىيامى ئېلىشتۇرۇپ تەييارلىسىڭىزمۇ، تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号