خاسىڭ ( يەر ياڭىقى ) نىڭ يەنى بىر ئاتىلىشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مىۋىسى بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈملۈك ساغلاملىق يىمەكلىكى؛ خاسىڭ بىلەن قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار كەرەپشىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇغۇق سەي تەييار قىلساق، ئىشتىھانى ئاچىدىغان تەملىك سەي بولىدۇ.

كىتەرلىك ماتىرياللار:
خاسىڭ، سەۋزە، كەرەپشە، شاكال بەدىيان
تېتىتقۇ ماتىرياللىرى:
كۈنجۈت مېيى، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز

تەييارلاش ئۇسۇلى
-Step 1-
خاسىڭنى يۇيۇپ پاكىز قىلغاندىن كىيىن، زەنجىۋىل، شاكال بەدىيان قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ، قازاندىكى سۇغۇق سۇغا سېلىپ، يۇقىرى ئوتتا قاينىتىمىز؛ سۇ قاينىغاندىن كىيىن بىر قۇشۇپ تۇز سېلىپ، ئوتنى ئوتتۇرا دەرىجىگە ئەكىلىپ، 15 مىنۇت قاينىتىمىز؛ خاسىڭ پىشقاندىن كىيىن باشقا قوشۇمچە ماتىرياللارنى قېسىپ ئېلىۋىتىپ، خاسىڭنى سۈزۈۋالىمىز.
-Step 2-
بۇ ۋاقىتتا سەۋزىنى كىچىك كىچىك پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ كەرەپشىنى بۆلەك-بۆلەك قىلىپ توغرايمىز.
-Step 3-
يەنە بىر قازان ئېسىپ سۇ قاينىتىمىز؛ سۇ قاينىغاندىن كىيىن سەۋزىنى سېلىپ، سۇ قايتا قاينىغاندىن كىيىن، يېرىم قوشۇق تۇز سېلىپ، يېرىم مىنۇت قاينىتىپ سۈزۈۋالىمىز. كەينىدىنلا كەرەپشىنى قازانغا سېلىپ، قاينىغاندىن كىيىن سۈزۈۋالىمىز.
-Step 4-
تەييار بولغان خاسىڭنى قاچىغا سېلىپ، كەينىدىن سەۋزە ۋە كەرەپشىنى سالىمىز؛ بىر قوشۇق شېڭچۇ جىياڭيۇسى، يېرىم قوشۇق كۈنجۈت مېيى، يېرىم قوشۇق ئاق شىكەر، بىر قوشۇق تۇز ۋە مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت قوشۇپ، تۇلۇق ئارىلاشتۇرىمىز؛ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان سۇغۇق سەي—خاسىڭ ئارلاشتۇرۇلغان كەرەپشە سېيىمۇ تەييار بولغان بولىدۇ.

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى
بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە
ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،
خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما
تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى
يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号