كاللەكبەسەينى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىڭ، زىرىكىپ قالمايسىز
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 49279:ئادەم ئۆگەندى
   كاللەكبەسەينىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، كۈندە يېسىڭىزمۇ زېرىكىپ قالمايسىز؛ تېزدىن كېلىپ سىناپ بېقىڭ!
   كىتەرلىك ماتېرىيال: كاللەكبەسەي، قاقمۇچ، سامساق، غولپىياز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، كاللەكبەسەينى ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىپ، تۇز سۈيىگە ئون مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كېيىن، يۇيۇپ پاكىزلاپ توغراپ تەييارلايمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، قازاندا سۇ قاينىتىپ كاللەكبەسەينى سېلىپ قايناتقاندىن كېيىن، كاللەكبەسەينى سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، قاقمۇچنى توغرايمىز، سامساق ۋە غولپىيازنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە، قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توغراپ تەييارلىغان قاقمۇچنى ئاۋۋال سېلىپ تەم چىقىرىمىز، كەينىدىن سامساق چانالمىسى ۋە غولپىياز چانالمىسىنى سېلىپ ئازراق قورىۋەتسەكلا بولىدۇ.
   بەشىنچى قەدەمدە، كاللەكبەسەينى سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ، قازاندىكى سامساق، غولپىياز ۋە قاقمۇچلاردا تەملەشتۈرگەن ماينى ئۈستىگە تۆىمىز، كەينىدىن بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   ئاددىيلا نەچچە قەدەم بىلەن، يېيىشلىك بولغان سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن كاللەكبەسەي تەييار بولىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号