بۇ سەينى يېگەنسىرى قورسىقىڭىز تېخىمۇ ئېچىپ كېتىدۇ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 47389:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئاددىي ئەمما تەملىك بولغان يېمەكلىك—قىياملىق تەملەشتۈرۈلگەن سوغۇق سەي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. قىياملىق تەملەشتۈرۈلگەن بۇ سەينى ئەتىگىنى ناشتىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشىغا ئاساسەن،ھەرخىل كۆكتاتلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەييارلىسىڭىز بولىدۇ. بۈگۈن مەن، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كۆكتاتلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
خام ماتېرىيال
   نىلوپەر غولى، كەرەپشە، چىچەكسەي، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، ئاق تۇرۇپ
تەم خۇرۇچلىرى
   قاقمۇچ، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، زەنجىۋىل، سامساق، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، ئاق شېكەر، ئاق كۈنجۈت، يۇمغاقسۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
-1-
   نىلوپەر غولىنى ياپراقچە توغرايمىز؛ كەرەپشىنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛ چىچەكسەينى ئۇششاقراق قىلىپ توغرايمىز؛ كۆكمۇچنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛ قىزىلمۇچنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.
   ئاق تۇرۇپنى نىپىز ياپراقچە قىلىپ توغرىغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق ۋاقىت قويۇپ قويىمىز.
-2-
  توغراپ تەييار قىلغان كۆكتاتلارنى قايناقسۇدا ئىككى مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۇۋۇتىمىز.
 -3-
   قازاندا ماي قىزىتىپ، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، 30مىللىلىتىر شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، 30مىللىلىتىر لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، بىر چىنە سۇ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، شىكەر قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ سۇۋىتىمىز.
تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى
-4-
   كۆكتاتلارنى ۋە تۇزلاپ تەييار قىلغان ئاق تۇرۇپنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە توغرالغان زەنجىۋىل، سامساق ۋە ئالدىدا تەييار قىلغان قىيامنى قوشۇپ، قاچىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ بىر ئاخشام قويۇپ قويىمىز.
   ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە كۆكتاتلارنى قىيامدىن تەخسىگە سۈزۈپ ئېلىپ ئىستىمال قىلساقلا بولىدۇ.
 

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号