بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆيدە ئاچچىق بەسەي تەييارلاشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، بىر قېتىم تەييارلاپ قويسىڭىز، يېرىم يىل يىيىشىڭىزگە يېتىدۇ.
خام ماتېرىيالى
بەسەي، تۇرۇپ، ئالما، ئاق ئامۇت(雪梨)، زەنجىۋىل
تەم خۇرۇچلىرى
مۇچ تالقىنى 40گىرام، نومى گۈرۈچى تالقىنى 40گىرام، ئاق شېكەر 30گىرام، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
-1-
بەسەينى يۇيۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئىككى پارچە قىلىمىز؛
باش قىسمىنى كىسىۋىتىمىز
قولىمىزدا قاناتلىرىنى ئاجرىتىمىز
-2-
قازاننىڭ تەگ قىسىمىغا نېپىز بىر قەۋەت تۇز يېيىلتىمىز
ئاجراتقان بەسەي قاناتلىرىنى سالىمىز
بەسەينىڭ قاناتلىرىغىمۇ بىر قەۋەت تۇز سېپىمىز
ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت بەسەي تىزىپ چىقىمىز، مۇشۇ تەرىقىدە، ھەربىر قەۋەت ئارىلىقىغا تۇز سېپىپ چىقىمىز
تۇۋاقنى يېپىپ 10سائەت قويۇپ تۇزلايمىز
ۋاقىت توشقاندىن كېيىن تۇۋاقنى ئاچساق، بەسەيدىن زور مىقداردا سۇ ئاجرىلىپ چىققانلىقىنى كۆرىمىز
بۇ ۋاقىتتا قازانغا سۇ قۇيۇپ، بەسەينىڭ يۈز قىسىمىدىكى تۇزلارنى يۇۋىتىمىز؛ بىر نەچچە قېتىم يۇمىساق، بەسەي بەك تۇزلۇق بولۇپ قالىدۇ.
كەينىدىن قولىمىزدا بەسەينى سىقىۋىتىپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
-3-
تۆۋەندە مۇچ قىيامى تەييارلايمىز. تۇرۇپنىڭ قىيىپ(ياكى ئىزىپ) لاي ھالىتىگە ئەكىلىمىز
ئالمىدىن بىرنى سويۇپ تەييارلاپ، ئۇنىمۇ قىيىپ(ياكى ئىزىپ) لاي ھالىتىگە ئەكىلىمىز
ئاق ئامۇتتىن بىرنى قىيىپ(ياكى ئىزىپ) لاي ھالىتىگە ئەكىلىمىز
ئاخىرىدا مۇۋاپىق مىقداردىكى زەنجىۋىلنى قىيىپ(ياكى ئىزىپ) لاي ھالىتىگە ئەكىلىمىز
قىيىپ تەييارلىغان ماتېرىياللارنى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ، شەربىتىنى ئايرىيمىز
قېلىپ قالغان مىۋە لېيىغا 30گىرام ئاق شېكەر قوشىمىز
40گىرام مۇچ ئۇنى قوشىمىز
تەكشى ئارىلاشتۇرۇىمىز
كىچىكرەك قازاندىن بىرنى ئېسىپ، 100مىللىلىتىر سۇ قۇيىمىز
20گىرام نومى گۈرۈچ تالقىنى قوشىمىز
تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئوت يېقىپ، قوشۇق بىلەن توختىماي ئارىلاشتۇرۇپ، نومى گۈرۈچ تالقىنى قويۇق ئۇماچ ھالىتىگە كەلگۈچە قاينىتىمىز
قىزىق ھالەتتە ئالدىدا تەييارلىغان مىۋە لېيى ئۈستىگە تۆكىمىز
تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، مۇچ قىيامى تەييار بولىدۇ
تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى
-4-
تەييارلىغان مۇچ قىيامىنى بەسەي قاناتلىرىغا سۈركەيمىز، ھەممە قاناتقا سۈركەيمىز
مۇچ قىيامى سۈرتۈلگەن بەسەينى رەتلىك ھالدا قازانغا تىزىپ چىقىدۇ
تۇۋاقنى يېپىپ 2كۈن قويىمىز
ئىككى كۈندىن كىيىن تۇۋاقنى ئاچساق، بۇ ۋاقىتتا بەسەيگە تەم كىرىپ، بۈگۈنكى ئاچچىق بەسەي تەييار بولغان بولىدۇ.
-5-


بەسەينى ئاخىرىدا مۇچ قىيامى سۈرۈپ تەملەشتۈرگەندە، ھاۋا چىقىپ كېتىدىغان تۆشۈكچىسى بار قاچا تاللاش لازىم. تەييارلىغان بەسەينى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىساق، يېرىم يىلغىچە بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، بىر قېتىم تەييارلىۋالسىڭىز يېرىم يىل يىيەلەيسىز.