تۇرۇپ بار بولسا قوقاق ھەيدەپ ئىشتاھانى ئېچىش تەس ئەمەس
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 45046:ئادەم ئۆگەندى
   كىشىلەر ئارىسىدا، "يازدا زەنجىۋىل قىشتا تۇرۇپ" دېگەن گەپ بار؛ ھازىر تۇرۇپ يىيىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل بولۇپ، قىرو چۈشۈشكە باشلىغاندىن كېيىنكى تۇرۇپ ئالاھىدە تاتلىق ھەم بەدەنگە پايدا قىلىدىغان كېلىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇرۇپنىڭ ئالاھىدە بىر خىل تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى—ئاچچىق ئارىلاشتۇرۇلغان تۇرۇپ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    تۇرۇپنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، بەدەندىكى ئىسسىق يەلنى ھەيدەش، ئاشقازان ۋە ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاپ بەلغەمنى بوشىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. بۇندىن باشقا، تۇرۇپ تەركىبىدە زور مىقداردا تالا ماددىلىرى بار بولغاچقا، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ۋە بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
خام ماتېرىيالى
   تۇرۇپ، سوقۇلغان قىزىلمۇچتىن 30گىرام، زەنجىۋىل، سامساق، غولپىياز، ئالما
تەم خۇرۇچلىرى
   30گىرام تۇز
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   تۇرۇپنى قىيغۇدا قىيىپ (ياكى نېپىز توغرىساقمۇ بولىدۇ) ئۇزۇنراق نىپىز پارچە ھالەتكە ئەكىلىمىز.
-2-
   قىيىپ تەييارلىغان تۇرۇپنى قاچىدىن بىرگە سېلىپ، ئۈستىگە 30گىرام تۇز قوشۇپ قولىمىزدا مۇجۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، 20 مىنۇت تۇزلاپ قويىمىز.
   سۈيىنى سىقىۋىتىمىز.
 
تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى

-3-

   ئۈستىگە، چاناپ توغرالغان زەنجىۋىل، سامساق، ئالما قاتارلىقلارنى ۋە 30گىرام قىزىلمۇچ سوقمىسىنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرساقلا بولىدۇ؛ ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسىدىن ئازراق سېپىۋەتسەك، بۈگۈنكى ئاچچىق ئارىلاشتۇرۇلغان تۇرۇپ تەييار بولغان بولىدۇ. بۇ سۇغۇق سەي تەملىك بولۇپلا قالماي، ئەگەر قىزىلمۇچ سوقمىسى يىتەرلىك ئاچچىق بولسا، يەپ بولغاندىن كېيىن تەر چىقىرىۋىتىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号