ئۆيدە خاسىڭمىي قورۇپ باققانمىدىڭىز؟ قورىغان خاسىڭ كۈيۈپ كىتەمدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 58103:ئادەم ئۆگەندى
   خاسىڭ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم تەمى ياخشى بىر خىل يىمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، مىكرو ئىلمىنت قاتارلىقلار مول؛ بۇندىن باشقا خاسىڭنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىمۇ ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ماي چىقىرىشىقا ۋە ھەرخىل مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاشقا بولىدۇ. خاسىڭدىن تەييارلانغان يىمەكلىكلەر ئىچىدە، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ھەممىدىن بەل ئىرىشىدىغىنى مايدا قورۇلغان خاسىڭ بولۇپ، ئۈستىگە ئازراق تۇز سېپىۋىتىپ ئىستىمال قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ چۈرۈك ھەم يىيىشلىك كەلگەن تەمى، ئېغىزىمىزنى چاكىلدىۋىتىدۇ.
   قورۇلغان خاسىڭنى ئۇششاق يىمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلىشقا ياكى سۇغۇق سەي ئورنىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ، دوستلار يېغىلىشىدىكى ھاراق سورىنىدا بولسا تېخىمۇ كەم قالمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، قورۇلغان خاسىڭنى تەييارلاش ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، يىگۈڭىز كەلگەن ۋاقىتتا، ھەرۋاقىت ئۆزىڭىز قول تۇتۇپلا تەييار قىلالايسىز.
   نۇرغۇن كىشىلەر،قورۇلغان خاسىڭ تەييارلىغان ۋاقىتتا، خاسىڭنى كۆيدۈرۈپ سالىدىغان، ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچرايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئەھۋال، خاسىڭنى قورۇش جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خاسىڭنى پاكىزلىغاندىن كىيىن بىۋاستە قازانغا سېلىپ قورۇشنى باشلىساق، ئاسانلا كۈيۈپ كىتىدۇ؛ بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بەزىبىر چارىلەرنى قوللىنىشىمىز كىرەك.
   خاسىڭنى قورۇشتىن ئاۋال، ئالدى بىلەن سۇغا بەش مىنۇت چىلاپ قويىمىز؛ بۇ بىر قەدەمنى قەتئى قىسقارتىۋىتىشكە بولمايدۇ، بۇ جەرياندا ھەم بەزىبىر ناچار خاسىڭ مېغىزلىرىنى خىللىۋەتسەك بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر، سۇغا چىلاپ قويۇش باسقۇچىنى قىسقارتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، خاسىڭنى قورۇغان ۋاقىتتا كۆيدۈرۈپ قارا قىلىپ قويىدۇ. خاسىڭنى چىلاپ بولغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى تۇلۇق ساقىتىپ تەييارلايمىز. بۇ ۋاقىتتا، يەنە بەزى كىشىلەر قازانغا ماي قۇيۇپ ماي قىزىغاندىن كىيىن ئاندىن خاسىڭنى سېلىپ قورۇشقا باشلايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇنداق قىلىشمۇ توغرا ئەمەس، قازانغا ماي قۇيۇپ، ماي قىزىماستا خاسىڭنى قازانغا سېلىش كىرەك.
   خاسىڭ ماي سۈمۈرمەيدۇ، شۇڭا ماينى بەك كۆپ قۇيمىساقمۇ بولىدۇ؛ كىچىك ئوتتا توختىماي ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، خاسىڭنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق ھەمدە سۇۋۇغاندىن كىيىن ئۈستىگە ئازراق تۇز سېپىۋەتسەكلا بولىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号