ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاشتۇرۇلغان لامنارىيە ساغلاملىقنىڭ ياردەمچىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 60148:ئادەم ئۆگەندى
   ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاشتۇرۇلغان لامنارىيە، نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان سۇغۇق سەي بولۇپ، خەيدەينىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، PHقىممىتى ئاجىز ئىشقارلىقنى ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كىسلاتالىققا مايىل يىمەك-ئىچمەك ئادىتىگە نىسبەتەن، ساغلاملىقنى قوغلىشىشتىكى مۇھىم بىر ئۇسۇلدۇر.
   بۇ خىل سۇغۇق سەينى تەييارلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى ھەم ئاسان تەم كىرىدۇ. خەيدەينىڭ تەركىبىدىكى مول بولغان تالا ماددىلىرى، ئادەمنىڭ ئۈچەي يوللىرىنى تازىلىغۇچى بولۇپ، ئۈچەي يوللىرىدىكى ئەخلەت ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاشتۇرۇلغان لامنارىيە، ئىشتىھانى ئاچىدىغان بىر خىل سۇغۇق سەي بولۇپ، بۇ سۇغۇق سەينى تەييارلاشتىكى مۇھىم نوقتا، ئارىلاشتۇرغان ۋاقىتتا قوشىدىغان قىيامدۇر. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە، بۇ خىل سۇغۇق سەينى تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى!
    كىتەرلىك ماتىريال: خەيدەي 200گىرام، زەنجىۋىل، سامساق، تۇز، ئۆسۈملۈك مېيى، تېتىقۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، كىچىك قىزىلمۇچ، كۈجۈت مېيى، ئاق شىكەر

تەييارلاش ئۇسۇلى

    ئەگەر سېتىۋالغىنىڭىز قۇرۇق لامنارىيە بولسا، ئاۋال ئازراق سۇغا چىلاپ قويۇپ، يۈز قىسمىدىكى تۇز دانىچىلىرىنى چىقىرۋىتىش كىرەك.
    لامنارىيەنى ئۇزۇنچاق قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ زەنجىۋىل، سامساق، قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنى ئۇششاق چاناپ توغراپ تەييارلايمىز.
    مۇۋاپىق مىقداردىكى يۇمغاقسۈتنى پاكىزە يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز.
    قازاندا سۇ قاينىتىپ، لامنارىيەنى ئون مىنۇت قاينىتىمىز.
    قاينىتىپ بولغاندىن كىيىن لامنارىيەنى سۈزىۋىلىپ، سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قويىمىز.
    قىيمام تەڭشەيمىز: كىچىك چىنىدىن بىرنىڭغا، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ، ئازراق تېتىتقۇ، بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى، يېرىم قوشۇق ئاق شىكەر قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
    قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، زەنجىۋىل بىلەن سامساقنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرىمىز؛ ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن، توغرالغان قىزىلمۇچنى سېلىپ نەچچە مالتىلاپ قورۇيمىز.
   ئالدىدا تەييارلىغان قىيامنى ۋە قازاندا قىزىتقان ماينى لامنارىيەنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ تەكشى ئارىلاشتۇرساقلا، بۈگۈنكى ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاشتۇرۇلغان لامنارىيە تەييار بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئاچچىق يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئازراق مۇچ قىيامى ئارىلاشتۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ؛ توڭلاتقۇدا بىر ئاخشام قويۇپ ئسىتىمال قىلسىڭىز، تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号