ئوسۇڭدىن سۇغۇق سەي تەييارلىسىڭىز ئىشتىھايىڭىز ئېچىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 55684:ئادەم ئۆگەندى
   ئوسۇڭ، تۇرمۇشتا نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئوسۇڭ تەركىبىدە كالى، ناترى قاتارلىق ئىلمىنتلار بار بولۇپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساغلاملىققا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    يازنىڭ كۈنلىرى ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتتا، ئۆيىڭىزدە ئوسۇڭدىن سۇغۇق سەي تەييارلاپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوسۇڭدا تەييارلانغان سۇغۇق سەي ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ ھەمدە تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. تۆۋەندە، ئوسۇڭدىن سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى!
   كىتەرلىك ماتىريال: ئوسۇڭ، قىزىلمۇچ، سامساق، تۇز، ئاق شىكەر، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى، مۇچ مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئوسۇڭنىڭ سىرتقى پوستىنى سويىۋىتىپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، چوڭ-كىچىكلىكى تەكشى بولغان قەلەمچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ توغرىغاندا قانچىكى ئىنچىكە توغرىساق، تەمى شۇنچە ياخشى چىقىدۇ.
   2. قىزىلمۇچنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، قەلەمچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز ۋە سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويىمىز؛ بىرلا ۋاقىتتا ئوسۇڭنىمۇ سۇغا چىلاپ قويىمىز.
   3. چىنىدىن بىرنىڭغا قىيام تەييارلايمىز. مۇۋاپىق مىقداردا سامساق ئاقلاپ، ئۇششاق چاناپ توغرىغاندىن كىيىن قاچىغا سالىمىز؛ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، ئاق شىكەر، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى قوشقاندىن كىيىن، ئۈستىگە يەنە ئازراق ئىلمان قايناقسۇ قۇيۇپ، چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ كەينىدىن ئازراق مۇچ مېيى قوشۇپ، قايتىدىن يەنە بىر ئارىلاشتۇرۋىتىمىز.
   4. چىلاپ قويغان ئوسۇڭنى سۈزۈپ ئېلىپ، سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋەتكەندىن كىيىن، باشقا بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئالدىدا تەييار قىلغان قىيامنى قۇيىمىز؛
   5. قازان ئېسىپ مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ ماي سەككىز ئۈلۈش قىزىغاندىن كىيىن، قاچىدىكى ئوسۇڭنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن، تەخسىگە ئۇسۇپ ئېلىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش
   1. قىيام تەڭشىگەندە، ئاق شىكەرنى بەك كۆپ قوشۇۋەتمەسلىك كىرەك؛ بولمىغاندا بەك تاتلىق بولۇپ كىتىپ، سۇغۇق سەينىڭ تەمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
   2. ئوسۇڭنى خام يىيىشكە بولىدۇ، شۇڭا ئوسۇڭنى توغراپ بولغاندىن كىيىن سۇدا قايناتمىساقمۇ بولىدۇ. ئەمما سۇغا چىلاپ قويغاندا، چوقۇم سۇغۇق سۇغا ياكى مىنرالنى سۇغا چىلاش كىرەك.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号