دۇفۇپىدا سۇغۇق سەي تەييارلىسىڭىز ئۈچ كۈن يىسىڭىزمۇ زىرىكمەيسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 62461:قېتىم كورۇلدى
   دۇفۇپى(پۇرچاق ئۇيۇتمىسى پىشلىقى، 豆腐皮) ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق ھەمدە ئىشنىمەنكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاشتۇرۇلغان دۇفۇپى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
   دۇفۇپى، سامساق، تەرخەمەك، ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، يۇمغاقسۈت
 
تەييارلاش ئۇسۇلى

بىرىنچى قەدەمدە
   ئالدى بىلەن دۇفۇپىنىڭ ئۇزۇنسىغا تاسما ھالىتىدە كىسىۋالىمىز؛ سامساقنى ئىزىپ چانايمىز؛ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى ئۇششاق توغرايمىز؛ تەرخەمەكنى قەلەمچە ھالىتىدە، يۇمغاقسۈتنى بولسا بۆلەك ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز. قازاندا سۇ قاينىتىپ، دۇفۇپىنى سېلىپ بىر مىنۇت قاينىتىۋالغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزىمىز! بىر چىنىگە سامساق ۋە قىزىلمۇچ چانالمىسىنى قوشۇپ، ئىككى قوشۇق قىزىتىلغان ماي قوشىمىز، ئۈستىگە ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئىككى قوشۇق ئاچچىقسۇ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشىمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە
    چىنىگە تەڭشىگەن خۇرۇچ قىيامىنىڭ ئۈستىگە ئىككى قوشۇق قىزىلمۇچ قىيامى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
ئۈچىنچى قەدەمدە
    بىر تەخسىگە دۇفۇپى، تەرخەمەك قەلەمچىسى، يۇمغاقسۈتلەررنى سېلىپ، ئۈستىگە ئالدىدا تەييارلىغان خۇرۇچ قىيامىنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرساقلا بولىدۇ.
تۆتىنچى قەدەمدە
    تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئاچچىق-چۈچۈك ھەم تەملىك بولغان دۇفۇپى تەييار بولىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

ماڭا گۆش تەڭلىمەڭ، مەن ھازىر بۇ سۇغۇق سەيدىن باشقىنى يىمەيمەن

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان، ئاق تۇرۇپتىن تەييارلانغان سۇغۇق سەي ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، يەنە تاماققا قوشۇپ يىيىشكىمۇ بولىدۇ؛ نۇرغۇن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号