تەرخەمەك ۋە ئاق بەسەينىڭ ھەر ئىككىسى ياز پەسلىدە كۆپرەك ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدىغان كۆكتات بولۇپ، تەرخەمەكنىڭ سۈيدۈك ھەيدەش، ئىسىق ياندۇرۇش رولى بار؛ بەسەينىڭ بولسا سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەننىڭ ھۆللۈكىنى ئاشۇرۇپ، تىرە گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، بەسەي تەركىبىدە يەنە، ۋىيتامىن، كالتسىي قاتارلىق مىنرالنى ئىلمىنتلار ۋە تالا ماددىلىرى مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنى ئاستىلىتىش، ئۈچەينى سىلىقلاپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرۋىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.
بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، خوڭگا بىلەن بەسەيدىن سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلى بولۇپ، توغراپ ئارىلاشتۇرسىڭىزلا، ئىشتىھانى ئاچىدىغان، يازدا ئىسسىق يەلنى ۋە قوقاقنى ياندۇرىدىغان ئىسىل يىمەكلىك تەييارلاپ چىقالايسىز.
كىتەرلىك ماتىريال: خوڭگا، بەسەي، پىنتوزا، سەۋزە، يۇمغاقسۈت، سامساق، مۇچ مېيى، كۈنجۈت مېيى، ئاق شىكەر، ئاچچىقسۇ، تېتىتقۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن پىنتوزىنى قايناقسۇغا چىلاپ يۇمشاتقاندىن كىيىن، ئۇنى باشقا قاچىغا سېلىپ ئىلمان سۇدا بىر سائەت چىلاپ قويىمىز.
تەرخەمەك، سەۋزە، بەسەي قاتارلىق ماتىرياللارنى يۇيۇپ پاكىزىلاپ تەييار قىلىمىز.
خوڭگىنى توم-ئىنچىكىلىكىنى تەكشى قىلىپ قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز.
بەسەينىڭ قېلىنراق يەرلىرىنى يالپاقلاپ ئىككى پارچىگە ئايرىۋىتىمىز؛ كەينىدىن بەسەينىمۇ ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
يۇمغاقسۈتنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛ سامساقنى بىر ئىزىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇششاق چانالما ھالىتىدە توغرايمىز؛ سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز.
چىلاپ قويغان پىنتوزىنىڭ سۈيىنى پاكىز ساقىتىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇنى چوڭراق بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە توغراپ تەييارلىغان تەرخەمەك، سەۋزە، بەسەي، سامساق ۋە يۇمغاقسۈت قاتارلىقلارنى قوشىمىز؛ كەينىدىن ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت مېيى، مۇچ مېيى، تۇز، ئاچچىقسۇ ۋە شىكەر قۇيىمىز.
چوكىدا ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ تىز سۈرئەتتە تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: بەسەيگە ئىچىدىكى يۇمران قىسمىنى تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ، بۇنىڭدا تەمى چۈرۈك يىيىشلىك چىقىدۇ. پىنتوزىنى بولسا چوقۇم يىتەرلىك ۋاقىت سۇغا چىلاپ، قاتتىق يىرى يوق ھالەتكە ئەكىشلىش كىرەك. بۇندىن باشقا، سۇغۇق سەينى يەيدىغان ۋاقىتتا ئارىلاشتۇماق لازىم؛ بولمىسا، ئۇزۇن قويۇپ قويغاندا تەمى ئۆزگىرىپلا قالماي، ئۇزۇقلۇق تەركىبىمى خوراپ كىتىدۇ.