كاللەكبەسەينىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى ئەمما تەمى ياخشى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 59249:ئادەم ئۆگەندى
   كاللەك بەسەي، ئادەتتە بىز كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، تەركىبىدە ۋىيتامىن C، ۋىيتامىن B1، فولىن كىسلاتاسى ۋە كالىي قاتارلىقلار ئىنتايىن مول. كاللەكسەينىڭ ئىنىرگىيە مىقدارى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئادەتتە، بىز كاللەكبەسەينى كۆپىنچە قورۇما قورۇپ ئسىتىمال قىلىمىز؛ بۈگۈن كۆپچىلىككە بولسا، كاللەكبەسەيدىن سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتىريال: كاللەكبەسەي، ئىنچىكە پىنتوزا، قاقمۇچ، سامساق، يېرىم قۇشۇق تۇز، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئىككى قوشۇق ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى تەييارلىۋالىمىز.
   2. كاللەكبەسەينى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   3. قازاندا سۇ قاينىتىپ، كاللەكبەسەينى سېلىپ ئىككى مىنۇت قاينىتىۋالىمىز.
   4. كاللەكبەسەينى سۈزۈپ ئېلىپ، سۇغۇق سۇدا بىر چايقىۋەتكەندىن كىيىن، سۈيىنى پاكىزە سىقىپ قۇرۇتۇپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر قاچىغا ئېلىپ قويىمىز.
   5. ئىنچىكە پىنتوزىنى قايناقسۇغا بېسىپ پىشۇرىمىز؛ كەينىدىن سۇغۇق سۇدا بىر چايقىۋەتكەندىن كىيىن، سۈيىنى پاكىز ساقىتىۋىتىپ، كاللەكبەسەينى سېلىپ قويغان قاچىغا بىللە سېلىپ قويىمىز.
   6. سامساقنى چاناپ، قاقمۇچنى بۆلەك ھالىتىدە توغرا تەييار قىلىمىز.
   7. قازاننى قىزىتىپ ماي قۇيۇپ، قاقمۇچ ۋە سامساق چانالمىسىنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقارغاندىن كىيىن، ئۈستىگە تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇلارنى قوشۇپ قاينىتىمىز.
   8. ئاخىرىدا تەييارلىغان قىيامنى، كاللەكبەسەي ۋە ئىنچىكە پىنتوزا ئۈستىگە قۇيساق، بۈگۈنكى سۇغۇق سېيىمىز تەييار بولىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号