سۇغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان قارا قېرىنقولاق، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان سۇغۇق سەيلەرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم تەملىك، ياز كۈنلىرىدە يىيىشكە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ. بىراق، ئادەتتە سۇغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان قارا قېرىنقولاق تەييارلاشتا، بەزىبىر مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىمىز؛ مەسىلەن، قارا قېرىنقولاق پۈتۈنلەي پىشماي ئارىسى خام قېلىش، تەمسىز بولۇپ قېلىش دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەييارلاش ئۇسۇلىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن بولۇپ، سۇغۇق ئارىلاشتۇرغان قارا قېرىنقولاقنى تەييارلاش قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە بەلگىلىك ئۇسۇل تاكتىكا تەلەپ قىلىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، سۇغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان قارا قېرىنقولاقنىڭ توغرا بولغان تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
قارا قېرىنقولاق، خاسىڭ، سەۋزە، خوڭگا، سامساق، غولپىياز مايسىسى، كۈنجۈت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم: ئازراق قارا قېرىنقولاق تەييارلاپ، سۇغا ئازراق چىلاپ قويىمىز؛ خوڭگىنى پاكىزە يۇۋەتكەندىن كىيىن، تۆت بۇرجەك كىچىك پارچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ سەۋزىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئۇنىمۇ تۆت بۇرجەك كىچىك پارچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
ئىككىنچى قەدەم: بىر ئۇچۇم خاسىڭنى قازانغا سېلىپ، مايدا بىر قورىۋالغاندىن كىيىن، بىر قاچىغا ئېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلىپ قويىمىز.
ئۈچىنچى قەدەم: قازانغا سۇ قۇيۇپ، سۇدا كۆپۈپ تەييار بولغان قارا قېرىنقولاقنى قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز؛ ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كىيىن، توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ يەنە بىر مىنۇت قاينىتىۋالغاندىن كىيىن توغرالغان خوڭگىنى سالىمىز؛ 20سىكونت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كىيىن، ھەممىسىنى سۈزۈپ ئېلىپ، سۇۋۇتۇلغان قايناقسۇغا سېلىپ سۇۋىتىۋالغاندىن كىيىن، سۈيىنى ساقىتىۋەتكەندىن كىيىن، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
تۆتىنچى قەدەم: كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچتىن بىر نەچچىنى تەييارلاپ، كىچىك بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛ سامساقنى ئاقلاپ چانايمىز؛ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق توغراپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلىمىز.

بەشىنچى قەدەم: سۇۋۇتۇپ تەييارلىغان يىمەكلىك ماتىرياللىرى ۋە قورۇپ تەييارلىغان خاسىڭنىڭ ھەممىنى چوڭراق بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق ئاق شىكەر، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، بىر قوشۇق شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى قوشىمىز؛ كەينىدىن ئالدىدا توغراپ تەييارلىغان قىزىلمۇچ ۋە سامساقنى قوشقاندىن كىيىن، ئۈستىگە قىزىتقان ماينى قۇيۇپ، ئاخىرىدا نەچچە تامچە كۈنجۈت مېيى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.