جىن جىڭگودا ئايرىم سۇغۇق سەي قىلسىمۇ بەكلا يىيىشلىك بولىدىكەن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 52845:ئادەم ئۆگەندى
    جىن جىڭگو(يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك، 金针菇) ئادەتتە خوگو يىيىشتە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە جىن جىڭگودا ئايرىم سەي سەي قىلسىمۇ ناھايىتى يىيىشلىك چىقىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سامساق تەملىك جىن جىڭگو تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
    جىن جىڭگو، كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، غولپىياز
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
    يىمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماي، تۇز، شىڭچوۋ جياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى
 
 تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    سامساقنى چاناپ تەييار قىلىمىز.
    چانالغان سامساقنى چىنىگە ئېلىپ، ئۈستىگە بىر چۆمۈچ قىزىتىلغان ماي قۇيىمىز.
    ئۈستىگە يەنە بىر قوشۇق تۇز قوشىمىز.

Step 2
    چانالغان سامساقنى جىن جىڭگونىڭ ئۈستىگە تۆكىمىز.
    جىن جىڭگونى قازانغا سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ، چوڭ ئوتتا 8مىنۇت دۈملەيمىز. ئەگەر جىن جىڭگونىڭ مىقدارى كۆپرەك بولسا، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ھالدا ئۇزارتساق بولىدۇ.

    8مىنۇتتىن كىيىن تۇۋاقنى ئاچىمىز؛ بۇ ۋاقىتتا جىن جىڭگو دۈملىنىپ پىشىپ بولغان بولىدۇ.

Step 3
    جىن جىڭگو قاچىلانغان تەخسىگە يېغىلغان شىرنىنى بىر چىنىگە تۆكىۋالىمىز.
    كەينىدىن، شىرنە تۆپىسىگە ئۇششاق توغرالغان كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچ ۋە غولپىياز مايسىسىنى سالىمىز.
    ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
    تەييارلىغان قىيامنى جىن جىڭگونىڭ ئۈستىگە قۇيساق، بۈگۈنكى سامساق تەملىك جىن جىڭگو تەييار بولغان بولىدۇ.

Step 4
    يىگەن ۋاقىتتا، چوكىدا يەنە بىر ئارىلاشتۇرۋەتسەك بولىدۇ. ھوردا دۈملەنگەن جىن جىڭگو تېخىمۇ ساغلام ھەم ئۇزۇقلۇقى مول بولۇپ، سامساق تەمى ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

ماڭا گۆش تەڭلىمەڭ، مەن ھازىر بۇ سۇغۇق سەيدىن باشقىنى يىمەيمەن

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان، ئاق تۇرۇپتىن تەييارلانغان سۇغۇق سەي ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، يەنە تاماققا قوشۇپ يىيىشكىمۇ بولىدۇ؛ نۇرغۇن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号