خانىم-قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ تېرىسىنىڭ ئاق ھەم يۇمران بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن بەزىدە، يۈزىمىزنىڭ تېرىلىرىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ، داغ سەپكۈنلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن خانىم-قىزلىرىمىز، گىرىم بۇيۇملىرى ياكى تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىشنى تاللايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك ئاز چىقىم تارتمايدۇ. لېكىن، بەزىدە ھەر قانچە كۆپ چىقىم قىلساقمۇ، ئەمما كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيمىز. ئەمەلىيەتتە، تېرىدە داغ سەپكۈنلەر پەيدا بولۇپ تېرىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىشى، ئاساسلىقى بەدەندە قارا رەڭ ماددىسى يېغىلىپ قېلىش سەۋەبلىك شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر تېرىمىزنى تېخىمۇ ئاق بولسۇن دېسەك، گىرىم ۋە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ئىشلەتكەندىن سىرت، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىمۇ، قارا رەڭ ماددىسىنىڭ يېغىلىپ قېلىشىغا قارشى تۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسەك بولىدۇ.
قارا رەڭ ماددىسىنىڭ يېغىلىپ قېلىشىغا قارشى تۇرىدىغان يېمەكلىكلەرگە كەلسەك، يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك(金针菇) يامان ئەمەس تاللاش بولالايدۇ. يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك، تەبىئىي ئۇسۇلدا تېرە ئاقارتىدىغان كۆكتات بولۇپ، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرساق، داغ سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرۇپ، تېرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قىياملىق يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك قورىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتېرىيال: يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك 250گىرام، سامساق، كىراخمال، خاسىڭ مېيى، تۇز، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاق شېكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەمدە، يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنىڭ تۈپ قىسىمىنى كىسىپ ئېلىۋىتىپ، سۇغۇق سۇغا ئون مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كېيىن پاكىزە يۇيۇپ سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋىتىپ ئېلىپ قويىمىز. سامساقنى ئۇششاق چاناپ توغرىۋالىمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە، قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا خاسىڭ مېيى قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنى سېلىپ يۇمشىغۇچە قورۇيمىز؛ يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك يۇمشاپ پىشقاندىن كېيىن، تەخسىگە ئۇسۇپ ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز.
ئۈچىنچى قەدەمدە، قازاننى چايقىۋىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا خاسىڭ مېيى قوشۇپ قىزىتىپ، سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
تۆتىنچى قەدەمدە، قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ، كىراخمال، تۇز، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، توخۇ تەم جەۋھىرى ۋە ئاق شىكەر قوشۇپ، چۈمۈچ بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
بەشىنچى قەدەمدە، قازاندىكى قىيام قايناپ كۆپۈكچە ئۆرلەشكە باشلىغاندا، ئوتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.
ئالتىنچى قەدەمدە، تەييار بولغان قىيامنى يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنىڭ ئۈستىگە قۇيساق، قىياملىق يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك قورىمىسى تەييار بولغان بولىدۇ.

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا
بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن
مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.
گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ
بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号