بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇخۇمنىڭ باشقىچە بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلى—ئاغىچا تۇخۇم قورۇمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورۇمىنىڭ ئالاھىدىلىكى تەييارلاش ئاددىي بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىتتا ئوخشاشلا يېڭى ئاغىچە(丝瓜) يىگىلى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاغىچە، كۆپ قىسىم كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان بىر خىل كۆكتاتتۇر.
چۈنكى، ئاغىچىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول بولۇپ، تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار، ھەر خىل كۆكتاتلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ بولۇپمۇ ۋىتامىن C بىلەن ۋىتامىن Bنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، زەھەرنى ھەيدەپ جىگەرنى ئاسراش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىنى ئاسراپ چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاغىچىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، تۇخۇم بىلەن بىللە قورۇپ يىگەن ۋاقىتتا، تەبىئىتىنى مۆتىدىل قىلىپ تەڭشەپ، ئۇزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتېرىيال: ئاغىچا، قىزىلمۇچ، سامساق، تۇخۇم
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەمدە، ئاغىچىنىڭ پوستىنى سويۇۋىتىپ، تومراق قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ تەييارلايمىز؛ قىزىلمۇچنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ سامساقنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە، قازاندا سۇ قاينىتىپ، سۇ قايناپ چىققاندىن كېيىن ئاغىچىنى سېلىپ ئىككى مىنۇت قاينىتىمىز.(قازاندىكى سۇغا ئازراق تۇز قوشۇۋەتسەك، ئاغىچىنىڭ يېشىل رەڭگىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ)
ئۈچىنچى قەدەمدە، ئاغىچىنى سۇدا قاينىتىپ ئالغاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىتىنى سارقىتىۋىتىپ تەخسىگە ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز. ئاغىچىنىڭ بەك ئۇزۇن قاينىتىۋەتسەك ياخشى بولمايدۇ، پەقەت ئىككى مىنۇتلا قايناتساق بولىدۇ، بولمىسا ئۇزۇقلۇق تەركىبى خوراپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
تۆتىنچى قەدەمدە، قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، تۇخۇمنى سېلىپ قاتۇرىمىز.
بەشىنچى قەدەمدە، تۇخۇمنى قاتۇرۋالغاندىن كېيىن تەخسىگە ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز. تۇخۇمنى چوقۇم كىچىك ئوتتا داغلاپ قاتۇرۇش كېرەك، بولمىسا تۇخۇمنىڭ تەمىگە تەسىر يىتىدۇ.
ئالتىنچى قەدەمدە، قازاندا ئازراق ماي قالدۇرۇپ، سامساق بىلەن قىزىلمۇچنى سېلىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا قورۇيمىز.
يەتتىنچى قەدەمدە، سامساق بىلەن قىزىلمۇچنى قورۇپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، سۇدا قاينىتىپ پىشۇرغان ئاغىچىنى سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇپ قورۇيمىز.
ئاخىرىدا، ئاغىچىنى سېلىپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا قورىغاندىن كېيىن، قاتۇرۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ
پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى
پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن
تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا
ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ
بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بىر يىشىل قورۇما تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى؛ بۇ كۆكتاتنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ كۆپ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号