بۇ قورۇما بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى قويماي تازىلايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 33738:قېتىم كورۇلدى
   دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن مۇھىت مەسىلىلىرى پەيدا بولدى؛ ھاۋا سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان زىيانلىق گازلارنى سۈمۈرۋىلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇندىن باشقا، تۇرمۇش ئادىتىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە، بىز مايلىق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان بولدۇق. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرسىتىدىغان بىۋاستە تەسىرى، بەدەندە زەھەرلىك ماددىلار ۋە كېرەكسىز ئەخلەتلەرنىڭ يېغىلىپ قېلىشىدۇر. شۇڭا، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، "بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىغۇچى" دەپ نام بىرىلگەن بىر خىل قورۇما تەييارلاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

قارا قېرىنقولاق بەسەي قورىمىسى
   كىتەرلىك ماتېرىيال: قارا قېرىنقولاق، بەسەي، ئىستېمال مېيى، تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، قىزىلمۇچ، قاقمۇچ، ئاچچىقسۇ، زەنجىۋىل
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قارا قېرىنقولاقنى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛
   2. قىزىلمۇچنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ زەنجىۋىلنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   3. بەسەينى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
   4. قازان ئېسىپ ماي قىزىتىپ، زەنجىۋىل چانالمىسى بىلەن قىزىلمۇچنى سېلىپ، قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   5. بەسەينى سېلىپ قورۇيمىز.
   6. ئازراق شېكەر قوشۇپ داۋاملىق قورۇيمىز.
   7. قارا قېرىنقولاقنى سالىمىز.
   8. ئاچچىقسۇ قوشۇپ داۋاملىق مالىتىلاپ قورۇيمىز.
   9. تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号