پۇرچاق ئۈندۈرمىسى دۇفۇ قورىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 31794:ئادەم ئۆگەندى
   پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، دادۇرنى پششىقلاپ بىتەرەپ قىلىش ئارقىلىق بىخلاندۇرۇلغان ئۈندۈرمە بولۇپ، ئۇزۇقلۇقى تەركىبى مول بولغان كۆكتاتتۇر. سېرىق پۇرچاق بىخلىنىش جەريانىدا، تېخىمۇ كۆپ ئۇزۇقلۇق ماددىلار قويۇپ بىرىلىپ، بەدەننىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆيدە مىفەن بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدىغان قورۇما—پۇرچاق ئۈندۈرمىسى دۇفۇ قورىمىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، دۇفۇ، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، زەنجىۋىل، غولپىياز مايسىسى، مايلىق گۆش
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن دۇفۇنى ئۇزۇن قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ قىزىلمۇچ ۋە كۆكمۇچنى يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە توغرايمىز؛ زەنجىۋىلنى قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز؛ پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى سۇغا چىلاپ يۇيۇپ پاكىزلايمىز؛ قوي گۆشىنى ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز.
   قازاننى ئېسىپ ماي قىزىتىپ، دۇفۇنى سېلىپ داغلايمىز؛ دۇفۇ يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا ئۇچرىغان ھامانلا تېز سۈرئەتتە قاتىدۇ، شۇڭا داغلاش جەريانىدا، دۇفۇنى خاتىرجەم ھالدا چۈمۈچ بىلەن ئىتتىرىپ مىدىرلىتىپ بەرسەك بولىدۇ، بۇنىڭدا تېخىمۇ تەكشى داغلىنىدۇ؛ كىچىك ئوتتا ئىككى مىنۇت داغلىساق بولىدۇ، داغلاپ بولغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ يېغىنى تولۇق ساقىتىۋىتىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، قازاندا ئازراق ماي قالدۇرۇپ، مايلىق گۆشنى سېلىپ، مايلىق گۆشنىڭ مېيى ئىرىپ گۆشى سارغىيىپ كۈيۈك رەڭگىگە كىرگۈچە قورۇيمىز؛ كەينىدىن، زەنجىۋىل، غولپىياز مايسىسى، قىزىلمۇچ ۋە كۆكمۇچلارنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ 5گىرام پۇرچاق بوتقىسى قوشۇپ قورۇپ، قىزىل ماي چىقىرىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا بىر مىنۇت قورۇپ، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى پىشقاندىن كېيىن ئىككى گىرام لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ رەڭ كىرگۈزىمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە، ئىككى گىرام تۇز، ئىككى گىرام توخۇ تەم جەۋھىرى، بىر گىرام قارىمۇچ ۋە ئازراق ئاق شېكەر قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز؛ كەينىدىن قازانغا ئازراق سۇ قۇيۇپ، داغلاپ تەييارلىغان دۇفۇنى قازانغا سېلىپ، كىچىك ئوتتا ئىككى مىنۇت قاينىتىمىز. ئىككى مىنۇتتىن كېيىن نەچچە مالتىلاپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

ماي ئېيىدا گۆش يىمىسىڭىزمۇ بۇ كۆكتاتنى يىمىسىڭىز بولمايدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بىر يىشىل قورۇما تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى؛ بۇ كۆكتاتنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ كۆپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号