لامنارىيە بىلەن دۇفۇ قوشۇلسا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ تىرىنى ياخشىلايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 24932:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ تىرىنى ياخشىلايدىغان بىر خىل قۇۋۋەت تائامى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: لامنارىيە(海带)، دۇفۇ، قوي گۆشى، زەنجىۋىل، غولپىياز، تېتىتقۇ ھارىقى، تۇز، خاسىڭ مېيى، جىياڭيۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. لامنارىيەنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن ئۇزۇن قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ دۇفۇنى تۆت بۇرجەك قىلىپ توغرايمىز.
   2. زەنجىۋىلنى پارچە قىلىپ توغرايمىز، غولپىيازنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز، گۆشنى كىچىكرەك توغراپ تەييارلايمىز؛
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ (مايغا ئازراق تۇز قوشۇۋىتىمىز) قىزىتىپ، ئاۋۋال گكشنى سېلىپ نەچچە مالىتىلاپ قورۇۋەتكەندىن كېيىن، زەنجىۋىل، غولپىياز قاتارلىقلارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ ئازراق جىياڭيۇ قوشۇۋەتكەندىن كېيىن لامنارىيەنى قوشۇپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن ئىككى چىنە سۇ قۇيۇپ تۇۋاقنى ياپىمىز.
   4. سۇ قايناپ چىققاندىن كېيىن، دۇفۇنى قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تېتىتقۇ ھارىقى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۇۋاقنى يېپىپ كىچىك ئوتتا 30مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.
   5. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن چوڭ ئوتتا سۈيىنى يېغىپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   دوستانە ئەسكەرتىش: دۈملەش ۋاقتىنى چوقۇم 30مىنۇت قىلمىساقمۇ بولىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ تەم خاھىشى بويىچە لامنارىيەنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىقى ۋە تەمىنى بەلگىلەپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ۋاقىتنى مۇۋاپىق تۈردە تەڭشىسەك بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号