ئىشتىھانى ئاچىدىغان خۇپى لازا تەييارلاش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 26110:قېتىم كورۇلدى
   خۇپى لازا تىلغا ئېلىنسا، ئىشنىمەنكى بۇ قورۇما كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس. توغرا ئۇسۇلدا تەييارلانغان خۇپى لازا، تەملىك ھەم ئۇزۇقلۇق قىممىتى بولۇپلا قالماي، قارىماققىلا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: كۆكمۇچ، سامساق، ئاچچىقسۇ، ئاق شېكەر، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن، كۆكمۇچنى يۇيۇپ پاكىزىلاپ، ئىچىدىكى ئۇرۇغلىرىنى ئېلىۋىتىمىز؛ سامساقنى ئۇششاق چاناپ تەييارلايمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، چىنىگە مۇۋاپىق مىقداردا شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق شېكەر، ئاچچىقسۇ ۋە تۇز قۇيۇپ، چوكا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيام تەييارلايمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، قازان ئېسىپ قىزىتقاندىن كېيىن، ئوتنى كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، ئاۋۋال كۆكمۇچنى سېلىپ، چۆمۈچتە كۆكمۇچنى يىنىك بېسىپ بىرىمىز ھەمدە پات-پات ئۆرۈپ ھەممە يۈزى ئوخشاش داغلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. مۇشۇ ئۇسۇلدا داغلاپ، سىرتقى يۈزىدە قورۇق سىزىقچىلار پەيدا بولغاندىن كېيىن، سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىپ، كۆكمۇچنى تەخسىگە ئۇسۇپ ئالىمىز.
   ئاخىرىدا، ئالدىدا تەييار قىلغان قىيامنى كۆكمۇچ ئۈستىگە قۇيساق، بۈگۈنكى تونۇشتۇرماقچى بولغان خۇپى لازا تەييار بولغان بولىدۇ.
دوستانە تەكلىپ
   1. كۆكمۇچنى تاللىغاندا، چوقۇم جۇغى چوڭ، ئېتى قېلىن كۆكمۇچ تاللاش كېرەك؛ بۇنىڭدا، داغلىغان ۋاقىتتا تىرىسى تېخىمۇ ياخشى يېغىلىپ، تېخىمۇ تەملىك داغلىنىدۇ.
   2. كۆكمۇچنى داغلىغاندا قازانغا ماي قۇيمايدىغان بولغانلىق ئۈچۈن، چوڭ ئوتتا داغلىماي، كىچىك ئوتتا ئاستا-ئاستا داغلاپ قورۇيمىز؛ ئەگەر ۋاقىت تىجەشنى ئويلاپ چوڭ ئوتتا داغلىسىڭىز، كۆكمۇچنى كۆيدۈرۈپ قويىسىز.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号