مالا دۇفۇ تەييارلاش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 26989:قېتىم كورۇلدى
   مالا دوفۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان قورۇما بولۇپ، پۇرچاق بوتقىسى، دۇفۇ، كالا گۆشى چانالمىسى، كاۋاۋىچىن ۋە قىزىلمۇچ قاتارلىقلاردىن تەييارلىنىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مالا دۇفۇ تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئاددىيغىنا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    كىتەرلىك ماتېرىيال:  دۇفۇ، كالا گۆشى، كۆك سامساق، پۇرچاق بوتقىسى، كاۋاۋىچىن سوقمىسى، ، تۇز، پۇرچاق كىراخمالى(豌豆淀粉)، خاسىڭ مېيى، غولپىياز مايسىسى، جىياڭيۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. دۇفۇنى ئىككى سانتېمىتىر چوڭلۇقتا تۆت بۇرجەك توغراپ، ئازراق تۇز قوشۇلغان قايناقسۇغا سېلىپ، پۇرچاق پۇرىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويىمىز. كۆك سامساقنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز، زەنجىۋىلنى چاناپ توغرايمىز.
   2. قازان ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال كالا گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ گۆش سارغايغاندىن كېيىن پۇرچاق بوتقىسى قوشۇپ بىرگە قورۇيمىز؛ كەينىدىن زەنجىۋىل چانالمىسى، مۇچ تالقىنى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، كالا گۆشىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگۈچىلىك قورۇيمىز.
   3. قازانغا سۈزۈك شورپا(گۆش شورپىسى بولسىمۇ بولىدۇ) قۇيۇپ قاينىتىپ، دۇفۇنى سېلىپ 3 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن، جىياڭيۇ، كۆك سامساق، شېكەر، تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز؛ كەينىدىن سۇلۇق كىراخمال قوشۇپ سۈيىنى قويۇلدۇرىمىز. ئاخىرىدا تەخسىگە ئۇسۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۈستىگە غولپىياز مايسىسى چانالمىسى ۋە كاۋاۋىچىن تالقىنى سېپىۋىتىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号