ئاچچىق چۈچۈك بەرەنگە قەلەمچىسى تەييارلاش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 296040:قېتىم كورۇلدى

      ئاچچىق چۈچۈك ياڭيۇ قەلەمچىسى، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاسان، تەمى تېتىشلىق بولۇپ، قورساققا ئامراق كىشىلەر ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمايدىغان بىر خىل قورىمىدۇر؛ مەيلى سىرتلاردا تاماقلانغان ۋاقىتتا بولسۇن ياكى ئۆيدە تاماق ئىتىپ يىگەندە بولسۇن، تەملىك قورۇلغان بىر تەخسە ياڭيۇ قەلەمچىسى كەم قالمايدۇ. ئاچچىق چۈچۈك ياڭيۇ قەلەمچىسىنى گەرچە ھەممەيلەن قۇرۇش ئۇسۇلىنى بىلسىمۇ، ئەمما قورۇش جەريانىدا يەنىلا بەزىبىر تاكتىكا ئۇسۇللارنى بىلىۋىلىش لازىم بولىدۇ، بۇنىڭدا قورۇغان ياڭيۇ قەلەمچىسى تېخىمۇ تەملىك چىقىدۇ.

       خام ماتىريال: بەرەنگە2 دانە 700گىرام، كوك-قىزىل مۇچ يېرىم تالدىن جەمئىي 50 گىرام، قاقمۇچ 3 گىرام، سۇماي 120 گىرام، غولپىياز 20 گىرام، سامساق 20گىرام، زەنجىۋىل 10گىرام

  تەم خۇرۇچلىرى: تۇز 6 گىرام؛ ئاق ئاچچىقسۇ 10 گىرام، كاۋاۋىچىن 4گىرام، شېكەر 5 گىرام، تېتىقۇ 3 گىرام، توخۇ تەم جەۋھىرى 3 گىرام، قىزىلمۇچ يېغى 12 گىرام

       تەييارلاش ئۇسۇلى: بەرەنگىنى پاكىز ئادالاپ سەرەڭگە تېلىدەك تەكشى توغراپ سۇغا چىلاپ قۇيىمىز، كوكمۇچ، قىزىلمۇچنىمۇ ئىنچىكە توغراپ، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز.

  توغرالغان بەرەنگىنى3 قېتىم يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، قازانغا سۇ قۇيۇپ بەرەنگىنى سېلىپ قاينىتىپ چالا پىشۇرۇپ سۈزىۋالىمىز.

  قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ماي قۇيۇپ ماي قىزىغاندا غولپىياز، سامساق،زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، قاقمۇچنى سېلىپ قۇرۇپ تەييارلانغان بەرەنگە، كوكمۇچ، قىزىلمۇچنىمۇ سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، شېكەر، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى سېلىپ تەم تەڭشەپ، ئازراق سۇقۇيۇپ پىشقاندا تەمىنى تېتىپ ئازراق ئاق ئاچچقسۇ ۋە قىزىلمۇچ مېيى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن تەخسىگە ئۇسسۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

  ئالاھىدىلىكى: بەرەنگە تۆۋەن ئېنىرگىيەلىك، كۆپ خىل ۋىتامىنلىق بولغان، مىكرو ئىلمىنتلار تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىك بولۇپ، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇرۇقلاش يېمەكلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ ھەر 100گىرام بەرەنگىنىڭ تەركىبىدىكى كالىينىڭ مىقدارى، 300 مىكرو گىرامغا يېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھەر ھەپتىدە 6-5 بەرەڭگە ئىستېمال قىلىپ بەرسەك، سەكتە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەرەنگىنىڭ يەنە ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش، ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، ماغدۇرسىز ھېس قىلىش، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش، تېرە ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى قوشۇمچە رولغا ئىگە. بۇندىن باشقا، بەرەنگىنىڭ يەنە قاننىڭ قەنت ۋە ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرىمۇ بار.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号