تەملىك دۇفۇ قورىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 29702:قېتىم كورۇلدى
   ياخشىمۇسىلەر؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئائىلىدە ئوخشىغان ھەم يىيىشلىك دۇفۇ قورىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى ھەمبەھىرلىنىمەن.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: دۇفۇ، ، زەنجىۋىل، سامساق، پۇرچاق قىيامى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، سۇلۇق كىراخمال، غولپىياز مايسىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. دۇفۇنى تۆت بۇرجەك شەكىلدە توغراپ تەييارلايمىز.
   2. قازاندا سۇ قاينىتىپ، بىر قوشۇق تۇز قوشۇۋەتكەندىن كېيىن دۇفۇنى سېلىپ قاينىتىمىز؛ ئىككى مىنۇت قاينىغاندىن كېيىن دۇفۇنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توغرالغان زەنجىۋىل بىلەن سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز، كەينىدىن بىر قوشۇق پۇرچاق قىيامى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، بىر چىنە سۇ قۇيىمىز.
   4. سۇ قاينىغاندىن كېيىن دۇفۇنى سېلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى سېلىپ يىنىك مالتىلاپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   5. تۇۋاقنى يېپىپ 8مىنۇت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كېيىن، ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەپ، چوڭ ئوتتا سۈيىنى يېغىمىز.
   6. سۈيى قايناپ قويۇلغان ۋاقىتتا، بىر چىنە كىراخمال سۈيى قوشۇپ، كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ داۋاملىق قاينىتىمىز.
   7. قاينىتىپ سۈيى قويۇلغان ۋاقىتتا ئازراق غولپىياز مايسىسى سېپىۋەتكەندىن كېيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号