قان بېسىم تۆۋەنلىتىشتىكى ئۈنۈملۈك قورىما
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 28918:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قان بېسىمى تۆۋەنلىتىشتىكى ئۈنۈملۈك قورىما—پىياز تۇخۇم قورىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: تۇخۇم، پىياز، كىچىك قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، سەۋزە
   تەم خۇرۇچلىرى: جىياڭيۇ، تۇز، شېكەر، غولپىياز، زەنجىۋىل
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. پىياز، سەۋزە، كۆكمۇچ قاتارلىقلارنى قەلەمچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.

   2. تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراق تۇز قوشۇپ قوچۇيمىز؛ قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، تۇخۇمنى سېلىپ قاتۇرىۋالىمىز.
   3. قازانغا قايتىدىن ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، زەنجىۋىل، كىچىك قىزىلمۇچ ۋە غولپىيازلارنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن پىيازنى سېلىپ قورۇيمىز، بۇ جەرياندا قازاننىڭ گىرۋىكىنى بويلىتىپ ئازراق سۇ قۇيىمىز. نەچچە تېمىم جىياڭيۇ ۋە تۇز قوشۇپ قورۇپ ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئاخىرىدا كۆكمۇچ قەلەمچىسىنى سېلىپ قورۇيمىز.

   4. ئەڭ ئاخىرىدا، قاتۇرۇپ ئېلىپ قويغان تۇخۇمنى سېلىپ، نەچچە مالتىلاپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   سەمىمىي ئەسكەرتىش: پىيازنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلغىلى ۋە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى، پىيازنىڭ تەركىبىدە باكتېرىيە ۋىرۇسلارغا قارشى ئۈنۈمگە ئىگە ماددىلار بار.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号