چۈرۈك ھەم ئاچچىق بولغان زىرە تەملىك ياڭيۇ داغلانمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 32188:قېتىم كورۇلدى

   ياڭيۇنى چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىرقى كۆپ قىسىم بالىلار، كۆكتاتلار ئارىسىدىن پەقەت ياڭيۇنىلا ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ياڭيۇنىڭ يېڭىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى—چۈرۈك ھەم ئاچچىق كەلگەن زىرە تەملىك ياڭيۇ داغلانمىسى تەييارلاشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كېتەرلىك ماتېرىيال: ياڭيۇ، سامساق، غولپىياز، ئاق كۈنجۈت، كاۋاۋىچىن سوقمىسى، زىرە، قىزىلمۇچ سوقمىسى، تۇز، قارىمۇچ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ياڭيۇنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ، كىچىك پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ سامساق ۋە غولپىيازنى ئۇششاق توغرايمىز.
   قازاندا سۇ قاينىتىپ، ياڭيۇنى سېلىپ قاينىتىپ سەككىز ئۈلۈش پىشۇرۋالغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، سۇدا پىشۇرۋالغان ياڭيۇنى سېلىپ، يۈز قىسىمى سارغايغىچىلىك داغلايمىز.
   ئۈستىگە، سامساق، زىرە، قىزىلمۇچ سوقمىسى، كاۋاۋىچىن سوقمىسى، قارىمۇچ، ئاق كۈنجۈت، تۇز، غولپىياز مايسىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   تەييارلاش ئاددى، ئەمما تەملىك ھەم يىيىشلىك تائام.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号