بىر يىسىڭىز ئۇنتىيالمايدىغان پىنتوزا قورىمىسى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 30078:ئادەم ئۆگەندى
   پىنتوزا، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى خام ماتېرىيال قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىلغان ئەنئەنىۋى يېمەكلىكتۇر.
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئائىلىدە ئۆزگىچە بىر خىل پىنتوزا قورۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   خام ماتېرىيال: پىنتوزا، تۇخۇم، پىياز، غولپىياز
   تەم خۇرۇچى: تۇز، لاۋچوۋ جىياڭيۇ، قارىمۇچ، توخۇ تەم جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   پىنتوزىنى قايناقسۇغا 15مىنۇت چىلاپ قويىمىز.
   پىيازنى نىپىزراق قىلىپ توغرايمىز.
   غولپىيازنى ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز.
   تۇخۇمدىن ئىككىنى چېقىپ، قوچۇپ تەييارلايمىز.
   15مىنۇت توشقاندىن كېيىن، پىنتوزىنى سۈزۈپ ئېلىپ قورۇما قورۇشنى باشلايمىز.
 قورۇش ئۇسۇلى
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز.
   ماي بەش ئۈلۈش قىزىغاندىن كېيىن قوچىغان تۇخۇمنى سېلىپ داغلاپ قاتۇرىمىز.
   قازانغا قايتىدىن ئازراق ماي قۇيۇپ، پىيازنى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن پىنتوزىنى سېلىپ نەچچە ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئوتنى پەسەيتىپ تەم تەڭشەشكە تۇتۇش قىلىمىز.
   مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، قارىمۇچ، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ئوتنى قايتا ئېچىپ تېز سۈرئەتتە ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز؛ قاتۇرغان تۇخۇم بىلەن غولپىيازنى سېلىپ 15سىكونت قورىغاندىن كېيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   ۋاقتىڭىز چىققاندا، ئۆيىڭىزدە تەييارلاپ سىناپ بېقىڭ، تەمىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالمايسىز.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

كۆكمۇچ بىلەن تاغ موگوسىنى قورۇپ يەپ بېقىڭ، كىسەل بولمايسىز

تاغ موگوسى ئادەتتە ئاق موگو دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىمال زەمبۇرۇغ تۈرىنىڭ بىرخىلى؛ ئۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号