ئۇرۇقلايمەن دېسىڭىز ياڭيۇ كۆك پۇرچاق دۈملىمىسى يەڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 39239:قېتىم كورۇلدى
   ياڭيۇ كۆك پۇرچاق دۈملىمىسى، بىر خىل ساغلام يېمەكلىكتۇر. كۆك پۇرچاقنىڭ(豆角) ئېنېرگىيە مىقدارى تۆۋەن تالا ماددىسى مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولىدۇ؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بىر قەدەر مول بولغان ماگنىي، كالىي، كالتسىي قاتارلىق مىكرو ئىلمىنتلار، ھەر خىل كىشىلەر توپىنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. ياڭيۇ بولسا، يىلتىز غوللۇقلار تۈرىدىكى كۆكتات بولۇپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى، شۇڭا بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاساسى يېمەكلىك قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق تۈردە ئازايتىشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئەگەر سىز ئۇرۇقلىماقچى بولغان بولسىڭىز، ياڭيۇنى بىۋاستە ئاساسى يېمەكلىكنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان، ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات ۋە كىراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكتىن تەييارلانغان ياڭيۇ كۆك پۇرچاق دۈملىمىسىگە، ئەگەر ئازراق تۇخۇم ياكى بىرەر تەخسە پىشۇرۇلغان كالا گۆشى تەييارلاپ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل قوبۇل قىلسىڭىز، بىر ۋاخ تامىقىڭىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئەڭ تەڭپۇڭ ھالىتىگە يەتكەن بولىدۇ.
   كېتەرلىك ماتېرىيال: كۆك پۇرچاق، ياڭيۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، پۇرچاق بوتقىسى، غولپىياز، سامساق، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كۆك پۇرچاقنى ئادالاپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، بەش سانتېمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ ياڭيۇنىڭ پوستىنى سويۇپ، ئۇنىمۇ ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ سامساق ۋە غولپىيازنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   2. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، غولپىيازنى ۋە تەييار قىلغان سامساقنىڭ يېرىمىنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز، كەينىدىنلا كۆك پۇرچاقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   3. ئۈچ مىنۇت قورىغاندىن كېيىن ياڭيۇنى سالىمىز ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى ۋە پۇرچاق بوتقىسى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   4. يېمەكلىك ماتېرىيالى چۆكۈشكىچىلىك سۇ قۇيۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا قاينىتىپ 10مىنۇت دۈملەيمىز.
   5. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، تۇز تەمىنى تەڭشەيمىز ھەمدە ئاشۇرۇپ ئېلىپ قالغان سامساقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئاخىرىدا چوڭ ئوتتا بىر مىنۇت قاينىتىپ سۈيى تۈگەي دېگەندە قاچىغا ئۇسسۇپ ئالساق بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号