پىياز بىلەن ياڭيۇنى قورۇپ يىسىڭىز، قان تومۇرنى ياخشىلايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 46955:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىياز ياڭيۇ قورۇمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى، نۇرغۇن كىشىلەر پىيازنى قوشۇمچە سەي ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. لېكىن، ئەگەر سىز ياڭيۇ بىلەن پىيازنى بىللە قورۇپ ئىستىمال قىلىپ باقسىڭىز، تەمىنىڭ ياخشىلىقىدىن چوقۇم ماڭا رەھمەت ئوقۇيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پىياز بىلەن ياڭيۇنى بىللە قورۇپ ئىستىمال قىلغاندا، ئۈچەي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، قان تومۇرلار تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: ياڭيۇ، پىياز، ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، تۇز، كۈنجۈت مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، ياڭيۇنى ئاقلاپ كىچىك ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ ئەگەر توغراپ بولغاندىن كېيىن سۇغا ئازراق چىلاپ قويساق، تېخىمۇ يۇمران ھەم چۈرۈك چىقىدۇ.
   ئىككىنچى قەدەمدە، پىيازنى ئاقلاپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، كىچىك پارچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، قازاننى ئېسىپ مۇۋاپىق مىقداردا يىمەكلىك مېيى قۇيىمىز؛ توغرالغان قىزىلمۇچ ۋە سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، توغرالغان ياڭيۇنى سېلىپ قورۇيمىز. ئەگەر رەڭگى تېخىمۇ چىرايلىق چىقسۇن دېسەك، ئازراق كۆكمۇچ توغراپ قوشۇۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
   تۆتىنچى قەدەمدە، ياڭيۇ پىشىپ بولغاندىن كېيىن پىيازنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز؛ ئازراق تۇز، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
ياڭيۇ پىياز قورۇمىسىنىڭ ساغلاملىق قىممىتى
   1. ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە كىراخمال، مىنرالنىي ئىلمىنت قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار. ئەگەر ياڭيۇنى پىياز بىلەن قوشۇپ قورىساق، تەم سەزگۈنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇزۇقلۇقنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈشى تېخىمۇ تىز بولىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، زەھەر ياندۇرۇش، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.
   2. پىياز بىلەن ياڭيۇنى بىللە قورىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. پىيازنىڭ "قان تومۇرنىڭ قوغدىغۇچىسى" دېگەن نامى بار بولۇپ، قان تومۇرلاردىكى زىيانلىق ماددىلارنى تازىلاپ، خولىستىرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق "ئۈچ يۇقىرى" بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياشانغانلارغا نىسبەتەن بولسا، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号