چۈچۈمەل تەملىك يىسىۋىلەك قورۇمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 56504:ئادەم ئۆگەندى
   كەچ كۈزنىڭ يىتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، قىشلىق يىسىۋىلەك بازارغا كىرىشكە باشلىدى. يىسىۋىلەك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان، ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممەيلەنگە ماس كېلىدىغان كۆكتات بولۇپ، ھەممە ئادەم ئاساسەن ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، چۈچۈمەل تەملىك يىسىۋىلەك قورۇمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: يىسىۋىلەك، ئۇچلۇق كىچىك قىزىلمۇچ، سامساق، تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. يىسىۋىلەكنى پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، چوڭراق پارچە ھالىتىدە توغرايمىز، ياكى قولىمىزدا تىتساقمۇ بولىدۇ.
   2. قىزىلمۇچنى كىچىك بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز، سامساقنى ئىزىپ تەييار قىلىمىز.
   3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ ئالتە ئۈلۈش قىزىتقاندىن كېيىن، سامساق ۋە قىزىلمۇچنى سېلىپ داغلاپ تەم چىقىرىمىز؛ قىزىق ماينىڭ ئۈستىگە ئىككى قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر ماينىڭ چاچراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، قىزىق ماينىڭ ئۈستىگە ئاچچىقسۇ قۇيۇشقا ئادەتلەنمىگەن؛ ئەمەلىيەتتە، قازاندىكى ماي بەك كۆپ بولۇپ كەتمىسە ھەمدە سامساق بىلەن قىزىلمۇچنى سېلىپ قورىغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمىسە، ئاچچىقسۇ قۇيساق، ماي چاچراپ بىرىدىغان ئەھۋال ئاسانلىقچە كۆرۈلمەيدۇ.
   4. قازاندىن ئاچچىقسۇ پۇرىقى چىققاندىن كېيىن يىسىۋىلەكنى سېلىپ قورۇيمىز.
   5. مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشىمىز.
   6. ئازراق جىياڭيۇ قوشۇپ قورۇپ، يىسىۋىلەك يۇمشاپ پىشقاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
    بۇ قورۇمىنى قورۇشتا، ئاچچىقسۇنى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ قوشىمىز. بىرىنچى قېتىم قىزىق مايغا قوشقاندا، يۇقىرى تىمپۇراتۇرا ئاستىدا ئاچچىقسۇنىڭ تەمى چىقىرىلىدۇ؛ ئىككىنچى قېتىم يىسىۋىلىك پىشىپ ئۇسۇپ ئالاي دېگەندە، يەنە ئازراق ئاچچىقسۇ قوشىمىز. بۇنىڭدا، چۈچۈمەل تەملىك يىسىۋىلەك قورىمىسى ئاندىن تەملىك بولىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

كۆكمۇچ بىلەن تاغ موگوسىنى قورۇپ يەپ بېقىڭ، كىسەل بولمايسىز

تاغ موگوسى ئادەتتە ئاق موگو دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىمال زەمبۇرۇغ تۈرىنىڭ بىرخىلى؛ ئۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号