خەيدەي قورىمىسى، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەشتىكى ئۈنۈملۈك دورا
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 56529:قېتىم كورۇلدى
   خەيدەي(لامنارىيە)، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بىر خىل كۆكتات بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بەلگىلىك دورىلىق قىممىتىمۇ بار؛ خەيدەينىڭ ساغلاملىق كۈتۈنۈش جەھەتتىكى ئۈنۈملىرى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى بەدەندىكى زەھەرلەرنى ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى ھەيدە بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىشتۇر. خەيدەي ئادەمنىڭ ئۈچىيىدە بىر خىل شىلىمشىق ماددا ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىشكە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنىنىڭ قوغۇشۇن، كادمىي قاتارلىق ئېغىر مىتاللارنى سۈمۈرىشىنى توسۇپ، بەدەندىكى رادىئاتسىيەلىك ئىلمىنتلارنى تازىلايدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، خەيدەي تەركىبىدىكى سۇلفاتىدلىق پولىساخارىدلار، قان دىۋارىغا يېپىشىۋالغان خولىستىرىنلارنى تازىلاپ، بەدەندىكى خولىستىرىن مىقدارىنى نورمال ھالەتتە ساقلايدۇ.
   ئىلگىرى، كۆپچىلىككە خەيدەيدىن سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق؛ بۈگۈن بولسا، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە خەيدەيدىن قورۇما قورۇش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: خەيدەي، ئىستىمال مېيى، تۇز، قىزىلمۇچ سوقمىسى، سامساق، زەنجىۋىل
تەييارلاش ئۇسۇلى
   خەيدەينى سۇغا چىلاپ پاكىزە يۇيىمىز.
   يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
   توغراپ بولغاندىن كىيىن، خەيدەينى قايتىدىن يەنە سۇغا چىلاپ، قايتا-قايتا ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىرتقى يۈز قىسمىدىكى تۇز تەمىنى چىقىرۋىتىمىز. ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى ساقىتىۋېتىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلىپ قويىمىز.
   خەيدەينىڭ تۇز تەمى كەتتىمۇ يوق، بۇنى قولىڭىزدا خەيدەينى سىيلاشتۇرۇپ تۇتقاندىن كىيىن، بارمىقىڭىزنى تىلىڭىزغا تەككۈزۈپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر سۇدا يۇيۇپمۇ تۇز تەمىنى تولۇق چىقىرىپ بولالمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سۇدا بىر قاينىتىپ ئالسىڭىز، تۇز تەمىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
   سامساق ۋە زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز.
   قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توغرالغان سامساق ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   قىزىلمۇچ سوقمىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ، كىچىك ئوتتا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، مۇچ يېغىنى چىقىرىمىز.

   خەيدەينى سېلىپ چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرىمىز.
   تىز سۈرئەتتە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، خەيدەي بىلەن خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنى تولۇق ئارىلاشتۇرىمىز.
   خەيدەي پىشقاندا، ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسى سېپىۋىتىپ، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号