كاللەكبەسەي ئىشلىتىپ تىز سۈرئەتتە تەملىك قورۇما تەييارلاش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 54182:قېتىم كورۇلدى
   كاللەكبەسەي، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزى تەملىك، تەييارلىماق ئاسان بولۇپلا قالماي، ساقلىماقمۇ نىسبەتەن ئاسان؛ ئادەتتە يېڭى ساقلاش پىلاستىرىغا ئوراپ تەسكەي ئورۇندا قويۇپ قويساق، بىر ھەپتە ئەتراپىدا ساقلاشقا بولىدۇ.
   بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، كاللەكبەسەينىڭ تىز ھەم ئاددىي بولغان يىيىش ئۇسۇلى.
   كېتەرلىك ماتېرىيال: كاللەكبەسەي، سامساق، غولپىياز، قاقمۇچ، تۇز ، توخۇ تەم جەۋھىرى، شىكەر، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كاللەكبەسەينى پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، قولىمىزدا تىتىپ كىچىك پارچە ھالەتكە ئەكىلىمىز. كاللەكبەسەينى قولىمىزدا تىتساق، تەمى نىسبەتەن ياخشىراق بولىدۇ؛ ئەگەر پىچاقتا توغرىساق، كاللەكبەسەينىڭ يۈز قىسمىدە ساقلىنىپ قالغان سۇ تەركىبلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ خوراپ ئېقىپ كىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك كاللەكبەسەينىڭ تەبىئىي تەمىگە تەسىر يېتىدۇ.
   2. غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق توغرايمىز، سامساقنى نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز، قاقمۇچنى بولسا يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، كىچىك بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز. قاقمۇچنى ئەڭ ياخشىسى ئاۋال سۇغا بىردەم چىلاپ قويۇش كېرەك، بۇنىڭدا قورىغان ۋاقىتتا كۈيۈپ كەتمەيدۇ.
   3. قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، توغرالغان غولپىياز مايسىسى، سامساق، قاقمۇچ قاتارلىقلارنى قازاندىكى مايغا سېلىپ، كىچىك ئوتتا قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   4. تىتىلغان كاللەكبەسەينى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز ھەمدە تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاق شىكەرلەردىن مۇۋاپىق تۈردە قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز.
   5. كاللەكبەسەي قورۇلۇپ يۇمشاشقا باشلىغان ۋاقىتتا، قازانغا شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى ۋە ئاچچىقسۇ قوشۇپ، چوڭ ئوتتا داۋاملىق قورۇيمىز.
   6. قورۇپ كاللەكبەسەي پىشقان ۋاقىتتا، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   كاللەكبەسەينىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى بولسىمۇ، ئەمما تەمى ياخشى چىقىدۇ، مىفەنگە ياكى مومىغا قوشۇپ ئىستىمال قىلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号