قۇرۇتۇپ قورۇلغان چىچەكسەينى يەنە بىر يىسەم دەپ قالىسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 52486:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر، ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولىشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ شۇڭا ھەممەيلەن، قايسى خىل يىمەكلىكنىڭ بەدەنگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بولۇپمۇ چىچەكسەيگە ئوخشاش ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان كۆكتات، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئالقىشىغا ئىرىشكەن.
   چىچەكسەيدىن تائام تەييارلاش ئۇسۇلى گەرچە ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۆيدە تەييارلاشقا ماس كىلىدىغانلىرى كۆپ ئەمەس؛ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تەييارلىماق ئاسان بولغان قۇرۇتۇپ قورۇلغان چىچەكسەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئاددىيلا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتىريال: قوي گۆشى، چىچەكسەي، سامساق، زەنجىۋىل، قاقمۇچ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، چىچەكسەينى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، كىچىكرەك قىلىپ توغراپ ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلىپ قويىمىز. گۆشنى نىپىز يالپاقلاپ توغرايمىز، سامساق ۋە زەنجىۋىلنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز؛ قاقمۇچنى بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، قازانغا سۇ قويۇپ ئوچاققا ئېسىپ، سۇ قاينىغاندىن كىيىن چىچەكسەينى سېلىپ، ئازراق قايناتقاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، قازاننى قايتىدىن ئېسىپ، ئازراق ماي قۇيىمىز؛ ماي قىزىغاندىن كىيىن، گۆشنى سېلىپ قورۇيمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە، گۆش سارغايغاندىن كىيىن، سامساق، زەنجىۋىل، قاقمۇچ ۋە كاۋاۋىچىنلارنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن چىچەكسەينى سېلىىپ قورۇيمىز؛ قورۇپ چىچەكسەينىڭ يان تەرەپلىرىدە سارغايغاندىن كىيىن مۇۋاپىق مىقداردا جىياڭيۇ قۇيۇپ داۋاملىق قورۇيمىز.
   بەشىنچى قەدەمدە، چىچەكسەي قورۇلۇپ پىشقاندىن كىيىن، تەخسىگە ئۇسۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە توغرالغان يۇمغاقسۈتتىن ئازراق سېپىۋەتسەكلا تاماق ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقساق بولىدۇ.
دوستانە تەكلىپ
   1. چىچەكسەينى توغرىغاندا، ئەڭ ياخشىسى چىچەكسەينىڭ شەكىل ھالىتىنى بويلىتىپ توغراش كېرەك؛ ئەگەر قالايمىقان توغرىساق، چىچەكسەي ئۇۋۇلۇپ كىتىپ، قورىمىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يىتىشى مۇمكىن.
   2. قورۇمىنى قورۇشتىن ئاۋال، چىچەكسەينى چوقۇم سۇدا قاينىتىپ چالا پىشۇرۋىلىش كېرەك.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号