بۇ قورىمىنى يىسىڭىز گۆشلۈك قورۇما يىگەندەك پۇخادىن چىقىسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 55775:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پۈتۈنلەي كۆكتاتتىن تەييارلانغان ئاممىباپ بىر خىل قورۇمىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ قورۇما گەرچە ئاددى بولسىمۇ، ئەمما تەمى تەملىك ھەم ئاممىباپ، يىسىڭىز گۆشلۈك قورۇما يىگەندىن بەكرەك پۇخادىن چىقىسىز.
    كىتەرلىك ماتىريال: پىدىگەن، كۆكمۇچ، ياڭيۇ، غولپىياز، سامساق، ئىستىمال مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، تۇز، ئاق شىكەر، كىراخمال

تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
   غولپىياز، سامساقنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز؛ ياڭيۇنى كىچىكرەك پارچە قىلىپ توغرايمىز؛ كۆكمۇچنىڭ ئۇرۇغىنى ئېلىۋىتىپ، ئۇششاق پارچە قىلىپ توغرايمىز.
ئىككىنچى قەدەم
   پىدىگەننى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، تىك يۆنىلىشتە ئىككى پارچە قىلغاندىن كىيىن، يانتۇ يۆنىلىشتە بۇرجەك چىقىرىپ توغرايمىز؛ بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى، چوڭ-كىچىكلىكى ئىمكان بار پەرقلەنمەيدىغان بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى قەدەم
   قازانغا ماي قۇيۇپ، ماي قىزىغاندىن كىيىن ئاۋال ياڭيۇنى سېلىپ داغلايمىز. داغلاش جەريانىدا، ياڭيۇنى توختىماي ئۆرۈپ بىرىش لازىم، بولمىغاندا كۈيۈپ كىتىدۇ. ياڭيۇنىڭ سىرتقى يۈزى سارغىيىپ كۆپۈكچىلار ئۆرلەشكە باشلىغاندا سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
تۆتىنچى قەدەم
   قازاندا قالغان ماينى داۋاملىق قىزىتىپ، پىدىگەننى سېلىپ يۇمشىغۇچە داغلايمىز؛ پىدىگەننىڭ سىرتقى يۈزى سارغايغان ۋاقىتتا سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
بەشىنچى قەدەم
   پىدىگەننى داغلاپ بولغاندىن كىيىن، داۋاملىق ھالدا كۆكمۇچنى قىزىق مايغا سېلىپ داغلايمىز؛ كۆكمۇچنى بەك يۇمشاق قىلىۋەتمىسەكمۇ بولىدۇ، بىر مىنۇت ئەتراپىدا داغلىساقلا بولىدۇ.
ئالتىنچى قەدەم
   چىنىدىن بىرنىڭغا، تۇز، ئاق شىكەر، كىراخمال قوشىمىز.
يەتتىنچى قەدەم
   ئۈستىگە يەنە لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، ئازراق سۇ قوشۇپ، چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ چىنە تىگىدە چۆكمە ماددا قالماسلىقى كېرەك.
سەككىزىنچى قەدەم
   قازانغا بىر چۆمۈچ ماي قۇيۇپ، سامساق ۋە غولپىياز چانالمىسىنى سېلىپ قورۇپ، تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن تەرتىپ بويىچە داغلاپ تەييارلىغان ياڭيۇ، پىدىگەن، كۆكمۇچنى سېلىپ قورۇيمىز. ئاخىرىدا چىنىدىكى تەييارلىغان قىيامنى قۇيىمىز.
توققۇزىنچى قەدەم
   قىيامنى قوشقاندىن كىيىن، چۈمۈچتە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا ئىككى مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كىيىن، چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ قاينىتىپ سۈيىنى يېغساق، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   بۇ قورۇما، مەيلى سىرتقى كۆرۈنۈشى ياكى تەمى جەھەتتىن بولمىسۇن، رېستۇرانلاردىكى قورۇمىلاردىن قېلىشمايدۇ؛ ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆيىڭىزدە تەييارلاپ سىناپ بېقىڭ!

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

كۆكمۇچ بىلەن تاغ موگوسىنى قورۇپ يەپ بېقىڭ، كىسەل بولمايسىز

تاغ موگوسى ئادەتتە ئاق موگو دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىمال زەمبۇرۇغ تۈرىنىڭ بىرخىلى؛ ئۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号