دۇفۇدىن تەييارلانغان بۇ قورۇما ئۈستەلگە چىقسا تالاشقا قالىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 55060:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تۇخۇمغا ئورالغان دۇفۇ قورىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
   دۇفۇ، تۇخۇم، قوناق ئۇنى، غولپىياز، سامساق، ئاق شىكەر، پەمىدۇر قىيامى، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. دۇفۇنى ئۇزۇنچاق ھالەتتە توغراپ چوڭراق بىر قاچىغا سالىمىز.
   2. چىنىدىن بىرنىڭغا تۇخۇمدىن ئىككىنى چېقىپ، ئۈستىگە ئىككى قوشۇق قوناق ئۇنى قوشقاندىن كىيىن، تۇخۇمنى قوچۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز؛ كەينىدىن قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى توغرالغان دۇفۇنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىلتىپ قۇيۇپ، دۇفۇنىڭ  ھەممىسىگە تۇخۇمنىڭ يېپىشىشغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئۈستىگە تۇخۇم سۇيۇقلۇقى يېپىشتۇرۇلغان دۇفۇنى سېلىپ كىچىك ئوتتا ئاستا-ئاستا داغلايمىز.

   4. دۇفۇنى ئىككى يۈزى سارغايغىچىلىك داغلىغاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئېلىپ قويىمىز.
   5. ئازراق غولپىياز ۋە سامساقنى ئۇششاق چاناپ تەييارلايمىز؛ چىنىدىن بىرنىڭغا ئازراق سۇ قۇيۇپ، ئۈستىگە ئىككى قۇشۇق ئاق شىكەر ۋە تۇز، پەمىدۇر قىيامى قوشۇپ قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمىز؛
   6. قازانغا قايتىدىن ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توغرالغان سامساق بىلەن غولپىيازنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كىيىن، ئالدىدا تەييار قىلغان قىيامنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   7. داغلاپ تەييارلىغان دۇفۇنى قازانغا سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا ئۈچ مىنۇت قاينىتمىز؛ ۋاقىت توشقاندىن كىيىن چوڭ ئوتتا قاينىتىپ قازاننىڭ سۈيى تۈگەي دىگەندە  ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号