ئاشقازىنىڭىز ناچار بولسا، دورا ئىچمەي بۇ قورىمىنى ئىستىمال قىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 44486:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن، بارغانسىرى كۆپ كىشىلەردە ئاشقازان كىسەللىكى كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئاشقازان كىسىلىگە نىسبەتەن، ئۈچ ئۈلۈش داۋالاش، يەتتە ئۈلۈش كۈتۈنۈشكە تايىنىش كىرەك بولۇپ، يىمەكلىك ئارقىلىق ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ياخشىلاش ئىنتايىن مۇھىم.
   پىچەكگۈل، قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولغان بىر خىل يىمەكلىك ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر ئادەتتە پىچەكگۈلنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، كۈتۈنۈش ئۈنۈمىگە ئىرىشىش بىلەن بىرگە، ئاشقازان-ئۆتنى قۇۋۋەتلەپ ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. بۈگۈن، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىچەكگۈلدىن تەييارلانغان بىر خىل قورىمىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ خىل قورىمىنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازىنىڭىزنى ياخشىلايدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: پىچەكگۈل، قارا قېرىنقولاق، كەرەپشە، سامساق، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، كۆكمۇچ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كۆكمۇچنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن توغراپ تەييار قىلىمىز؛ كەرەپشىىڭ سارغايغان يۇپۇرماقلىرىنى ئېلىۋەتكەندىن كيىن يۇيۇپ پاكىزلاپ، بۆلەك ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز؛ پىچەكگۈلنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، پوستىنى سويىۋىتىپ، ئاۋال بۆلەك ھالىتىدە كەينىدىن يالپاقلاپ ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ قېرىنقولاقنى سۇغا چىلاپ قويۇپ، كۆپۈپ يۇمشىغاندىن كىيىن، پاكىزە يۇۋىتىپ سۈزۈپ ئېلىپ قويىمىز.
   2. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتماندىن كىيىن، ئاۋال سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرۋالىمىز.
   3. ئالدىدا توغراپ تەييار قىلغان كەرەپشە، كۆكمۇچ ۋە قارا قېرىنقولاق قاتارلىقلارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   4. كەينىدىن پىچەكگۈلنى سېلىپ، بارلىق ماتىرياللار پىشقىچىلىك تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   5. ئۇسۇشنىڭ ئالدىدا، بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى ۋە ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   6. كۈز كۈنلىرى پىچەكگۈلنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ياخشىلايدۇ؛ چوڭ كىچىك ھەممەيلەننىڭ يىيىشىگە ماس كىلىدۇ.
  دوستانە تەۋسىيە: پىچەكگۈلنى بىتەرەپ قىلغاندا، قولىڭىزغا ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان قولايلىق پىلاستىر پەلەي كىيىۋالسىڭىز، پىچەكگۈلدىكى چاپلاشقان سۇيۇقلۇق بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىپ، تىرىڭىزدە توخۇ ئەت پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号