دۈملەپ ئارىلاشتۇرسىلا، ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ يەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 41632:قېتىم كورۇلدى
   ھازىرقى ئىسسىق كۈندە، ئادەمنىڭ تەبىئىلا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ! شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئىشتىھانى ئاچىدىغان، مىفەن بىلەن ئالامەت ماسلىشىدىغان دۈملىمە پىدىگەن تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
    ئۇزۇنچاق پىدىگەن
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
   سوقۇلغان قىزىلمۇچ، زىرە تالقىنى، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، ئاق شىكەر، غولپىياز مايسىسى، سامساق
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   پىدىگەننىڭ بېغىچىنى كىسىۋىتىپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، قازانغا سېلىپ چوڭ ئوتتا 30مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز؛
 
-2-
   پىدىگەننى دۈملەش بىلەن بىرگە، بىز قىيام تەييارلىۋالىمىز؛ چىنىدىن بىرنىڭغا ئۇششاق چانالغان سامساق، زىرە تالقىنى، ئاق شىكەر، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، سوقما قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنى سېلىپ، ئۈستىگە قىزىتىلغان ماي قۇيىمىز ھەمدە تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
 
-3-
   دۈملەپ تەييارلىغان پىدىگەننى ئۇزۇنسىغا ئوتتۇردىكى ئىككى پارچە قىلىپ يالپاقلاپ كىسىمىز ئەمما پۈتۈنلەي كىسىپ ئۈزۈۋەتمەيمىز؛ كەينىدىن، پىدىگەننىڭ يېرىلغان يۈز قىسمىنى پىچاقتا ئازراق تىلىۋىتىمىز، بۇنىڭدا پىدىگەنگە تېخىمۇ ئاسان تەم كىرىدۇ.
   ئالدىدا تەييار قىلغان قىيامنى پىدىگەننىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، ئاخىرىدا ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسى سېپىۋەتسەك، بۈگۈنكى دۈملىمە پىدىگەن تەييار بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号