ئاچچىق كالا گۆشى قېقى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 128163:ئادەم ئۆگەندى
     كالا گۆشى قېقى نۇرغۇن كىشىلەر كىچىكىدىنلا ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق يىمەكلىك؛ بۈگۈن كۆپچىلىككە ئۆيدىلا تەييارلاشقا بولىدىغان ئاچچىق كالا گۆشى قېقى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى بولۇپ، قانچىلىك يىگۈڭىز بولسا شۇنچىلىك تەييار قىلالايسىز.
كىتەرلىك ماتىريال:
       400گىرام كالا گۆشى، سامساق، سوقۇلغان قىزىلمۇچ، ئاق كۈنجۈت
تېتىتقۇ خۇرۇچلىرى:
       يىمەكلىك مېيى، مۇچ قىيامى، سوقۇلغان كاۋاۋىچىن
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-Step 1-
      كالا گۆشىنى سۇغۇق سۇغا سېلىپ، ئوچاققا ئېسىپ بىر قاينىتىپ ئەخلەتلىرىنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.

-Step 2-
      كالا گۆشىنى سۇۋۇتقاندىن كىيىن، ئۇنى ياپراقچە شەكىلدە، ئادەتتە قورۇما قورۇشقا توغرىغاندىن ئازراق قېلىن قىلىپ توغرىۋالىمىز.
-Step 3-
     قازانغا گۆشىنىڭ ھەممىسى چۆكۈشكىدەك ماي قويۇپ قىزىتىمىز؛ ماي 6 ئۈلۈش قىزىغاندىن كىيىن، گۆشنى بىرپارچە بىر پارچىدىن قازاندىكى مايغا سېلىپ، ئوتتۇرا ھال ئوتتا ئاستا داغلايمىز؛ كالا گۆشىنىڭ تەركىبىدىكى سۇ تەركىبى داغلىنىپ، گۆشنىڭ رەڭگى قارىيىشقا باشلىغان ھامان سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.

-Step 4-
يەنە بىر قازان ئېسىپ، ئازراق ماي قۇيۇپ چانالغان سامساقنى سالىمىز.
سامساقنىڭ تەمىنى چىقارغاندىن كىيىن، داغلاپ تەييار قىلغان كالا گۆشىنى سېلىپ نەچچە ئۆرۈپ قورۇيمىز.

كەينىدىن بىر قوشۇق مۇچ قىيامى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.

      20گىرام سوقۇلغان قىزىلمۇچ، بىر قوشۇق سوقۇلغان كاۋاۋىچىن قوشۇپ، توختىماي ئۆرۈپ قورۇپ، كالا گۆشىنىڭ تېتىتقۇ خۇرۇچلىرىغا تۇلۇق تىگىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

      ئاخىرىدا ئوتنى ئۆچۈرۈپ مۇۋاپىق مىقداردا ئاق كۈنجۈت سېپىپ، نەچچە مالتىلاپ تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتسەك، بۈگۈنكى ئاچچىق كالا گۆشى قېقى تەييار بولىدۇ.

-Step 5-
      كالا گۆشىنى داغلاشتىن بۇرۇن، گۆشنىڭ يۈزىدىكى سۇ تەركىبلىرىنى پاكىز قۇرۇتۇش ياكى سۈرتىۋىتىش كىرەك، بولمىغاندا داغلىغاندا يۈز-كۆزلىرىڭىزگە قىزىق ماي چاچرىتىۋالىسىز.

ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى

كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قات

ئاچچىق تەملىك توشقان گۆشى قورىمىسى

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ

كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ

ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بو

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى

خام ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاك

ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەن

بېلىق تەملىك گۆش قۇرىمىسى

خام ماتىريالى؛كالاگۇشى،سەۋزە1تال،قاراقېرىنقۇلاق،كوكمۇچ،غولپىياز ، سامساق،زەنجىۋىل, كىراخمال تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،جاڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号