ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 60769:ئادەم ئۆگەندى

   خام ماتېرىيالى : گۆش،غولپىياز مايسىسى، سەدەپ يانقۇلىقى (كۇمبىمەدەك) قىزىلمۇچ ، سامساق،زەنجىۋىل، كىراخمال، تۇخۇم 

   تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،توخۇ تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ، ئاقمۇچ
   تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال  سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەندۇمىز، سەدەپ يانقۇلىقى ، قىزىلمۇچلارنى قەلەمچە توغراپ تەييارلايمىز. غولپىياز مايسىسى، سامساق، زەنجىۋىللەرنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز.
قازانغا ئۇچ چۇمۇچ سۇ قۇيۇپ سەدەپ يانقۇلىقنى سېلىپ قاينىتىپ سۇدىن ئۆتكۈزۈپ سۇزىۋالىمىز.قازانغا 200 گىرام ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا تەملەندۇرۇلگەن گۆشنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ سارغىيىپ پىشقاندا ، غولپىياز مايسىسى، سامساق، زەنجىۋىل قىزىلمۇچلارنى چويلىغا سېلىپ گۆشنى  چويلىغا توكۇپ ياغدىن ئوتكۇزۋالىمىز .
   قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ چانالغان قىزىلمۇچتىن بىر قوشۇق سېلىپ داغلاپ ئۈستىگە سۇزىۋېلىنغان ماتېرىياللارنى سېلىپ قورۇپ تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ، ئاقمۇچ  سېلىپ ئازراق سۇ قۇيۇپ تەمىنى تېتىپ ھول كىراخمال شىرىسى تېمىتىپ. تەخسىگە ئۇسىمىز.
  ئالاھىدىلىكى:گۆشى يۇمران، سەدەپ يانقۇلىقى، قىزىلمۇچلارنىڭ رەڭگى ماسلاشقان تەمى مەزلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يۇمران يېيىشلىك 
تەپسىلىي تەييارلاش ئۇسۇلىنى  فېلىمدىن كۆرۈڭ !

ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى

كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قات

ئاچچىق تەملىك توشقان گۆشى قورىمىسى

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ

كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ

ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بو

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى

خام ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاك

ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەن

بېلىق تەملىك گۆش قۇرىمىسى

خام ماتىريالى؛كالاگۇشى،سەۋزە1تال،قاراقېرىنقۇلاق،كوكمۇچ،غولپىياز ، سامساق،زەنجىۋىل, كىراخمال تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،جاڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号