كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 59892:ئادەم ئۆگەندى
   ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان—كالا پۇت سىڭىرى سەۋزە قورۇمىسى تۇنۇشتۇرىمىز؛ خالىغانچە يىسڭىز بولىدۇ، ھەرگىز سەمىرتمەيدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
     كالا پۇت سىڭىرى، سەۋزە
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
     تېتىتقۇ ھارىقى، زەنجىۋىل، شاكال بەدىيان، قوۋزاق داچىن، قاقىلە، كاۋاۋىچىن
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1

     250گىرام كالا پۇت سىڭىرى سېتىۋىلىپ، يۈز قىسمىدىكى مايلارنى پاكىزە ئېلىۋىتىمىز، بۇنىڭدا تەييارلىغان قورۇمىمىز مايلىق بولۇپ قالمايدۇ. سەۋزىنى بۇرجەكلىك قىلىپ توغرىۋالىمىز.

Step 2
    كالا سىڭىرىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، توكلۇق يۇقىرى بېسىملىق قازانغا سالىمىز؛ بۇ ۋاقىتتا سىڭىر قاتتىق بولۇپ، يۇقىرى بېسىملىق قازانغا پۇشۇرۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ. قازانغا يەنە بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، زەنجىۋىل، شاكال بەدىيان، قوۋازاق داچىن، قاقىلە ۋە كىچىك بىر سىقىم كاۋاۋىچىن سالىمىز.
     قازانغا ماتىريالنى چۆكۈشتۈرۈپ سۇ قۇيۇپ، توكلۇق يۇقىرى بېسىملىق قازان بولسا  بىر سائەت، ئادەتتىكى ئوتقا ئاسىدىغان يۇقىرى بېسىملىق قازان بولسا 40مىنۇت قاينىتىمىز.
Step 3
     ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، كالا پۇت سىڭىرىنى ئېلىپ، ئۈستىدە چالا قالغان ماي بار بولسا ئېلىۋىتىمىز؛ كەينىدىن ئازراق قويۇپ سۇۋۇتقاندىن كىيىن، ئۆزىڭىزنىڭ ئېغىزىغا پاتقىچىلىك چوڭ-كىچىكلىكتە توغرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
Step 4
    قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئالدى بىلەن سامساق ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ تەم چىقىرۋالغاندىن كىيىن، كالا سىڭىرى ۋە سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن ئۈچ قوشۇق خۇڭشاۋ جىياڭيۇ، بىر قوشۇق شىكەر، بىر قوشۇق تۇز قوشىمىز ھەمدە ئالدىدا كالا سىڭىرىنى قايناتقان ۋاقتىدا چىققان شورپىسىدىن ئازراق قوشىمىز.
    چوڭ ئوتتا قاينىتىۋالغاندىن كىيىن، ئوتتورا دەرىجىلىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ ئون مىنۇت قاينىتىمىز. ۋاقىت توشقاندىن كىيىن،  چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، ئۈستىگە ئازراق يۇمغاقسۈت تاشلىۋەتسەك، قاچىغا ئۇسۇپ ئېلىشقا تەييار بولىدۇ.

Step 5
    100گىرام كالا پۇت سىڭىرى تەركىبىدىكى ئىنىرگىيە ئاران 147 كىلوكالورىيە بولۇپ، ئۇرۇقلاۋاتقان دوستلارغا ماس كىلىدۇ.

ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى

كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قات

ئاچچىق تەملىك توشقان گۆشى قورىمىسى

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ

كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ

ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بو

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى

خام ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاك

ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەن

بېلىق تەملىك گۆش قۇرىمىسى

خام ماتىريالى؛كالاگۇشى،سەۋزە1تال،قاراقېرىنقۇلاق،كوكمۇچ،غولپىياز ، سامساق،زەنجىۋىل, كىراخمال تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،جاڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号