بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ بولغۇچە سىزنى تەرلىتىدۇ، بۇنىڭغا قىزارغان يۈزىڭىز قوشۇلۇپ، مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتىكى يۈرەكلىرىڭىز ئويناقشىغان تۇيغۇنى قايتا تاپقاندەك بولىسىز.
كىتەرلىك ماتىريال
سۆڭىكى ئايرىۋىتىلگەن توشقان گۆشى 800گىرام، زەنجىۋىل، غولپىياز، سامساق
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
شاكال بەدىيان، قوۋازاق دارچىن، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، تېتىتقۇ ھارىقى، تۇز، شىكەر، كىراخمال
تەييارلاش ئۇسۇلى
Step 1
توشقان گۆشىنى كىچىك پارچە قىلىپ توغرايمىز.
توشقان گۆشىنى سالغان قاچىغا توغرالغان غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى سېلىپ غەلىتە پۇراقلىرىنى باسقاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا يەنە شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، يېرىم قۇشۇق لاۋ چوڭ جىياڭيۇسى، ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، تۇز، شىكەر، كىراخمال قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن بىر قوشۇقتىن سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، بىر سائەت قويۇپ قويىمىز.
Step 2
كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى ئىسسىق سۇغا 10مىنۇت چىلاپ قويىمىز.
سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ قويغان قىزىلمۇچ ئاسانلىقچە كۈيۈپ كەتمەيدۇ؛ ئۇنى كىچىك چەمبەر ھالىتىدە كىسىپ توغرىۋالىمىز.
Step 3
قازانغا ماي قۇيىمىز؛ توشقان گۆشى قورۇشقا ماي كۆپرەك كىتىدىغان بولۇپ، قۇيغان مېيىمىز ئەڭ ياخشىسى توشقان گۆشىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يۆگىيەلەيدىغان بولۇشى كىرەك
ماينى قىزىتقاندىن كىيىن، ئازراق كۆك كاۋاۋىچىن سېلىپ تەم چىقىرۋالغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ، ئالدىدا ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ قويغان توشقان گۆشىنى باشقا ئارىلاشتۇرۇلغان ماتىرياللىرى بىلەن قوشۇپ ھەممىنى قازانغا سېلىپ، مايدا داغلىنىپ ئازراق قاتقاندىن كىيىن، ئاندىن مالتىلاپ قورۇشقا باشلايمىز.
چوڭ ئوتتا توختىماستىن مالتىلاپ قورۇيمىز؛ ماينىڭ رەڭگى سۈزۈلگىچە قورۇيمىز.
بۇ ۋاقىتتا، كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، ئارىسىدىكى زەنجىۋىل، سامساق، قوۋازاق دارچىن، شاكال بەدىيان قاتارلىق تەم كىرگۈزگۈچ ماتىرياللارنى خىللاپ ئېلىۋىتىمىز.
كەينىدىن سۇغا چىلاپ قويغان توغرالغان قىزىلمۇچىنى سېلىپ، ئوتتۇرا ھال ئوتتا 10-8مىنۇت قورۇيمىز.
ئاخىرىدا، قىزىلمۇچ چىلانغان ئىلمان سۇدىن يېرىم چىنە قۇيۇپ، چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، تىز سۈرئەتتە سۇنى قاينىتىپ تۈگىتىمىز.
Step 4
ئەڭ ئاخىرىدا بەلگىلىك مىقداردا كۈنجۈت قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.
Step 5
ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن، يەنە ئازراق ئاقمۇچ سېپىپ، قازاننىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىدا تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
Step 6
بۇ توشقان گۆشى قورۇمىسىنىڭ تەمى مەززىلىك بولۇپ، قورۇمىنى توڭلاتقۇدا بىر ئاخشام قويۇپ قويغاندىن كىيىن يىسىڭىز تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.