ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 46265:ئادەم ئۆگەندى
   كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قاتلىما تەييارلاپ بەرسىڭىز، بالىڭىزنىڭ شۆلگەيلىرى ئېقىپ، ياقتۇرۇپ يەيدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   كالا گۆشى، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، غولپىياز
خۇرۇچ ماتىريالى
   ئىستىمال مېيى، تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، قارىمۇچ، ئاقمۇچ
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1

    قىزىلمۇچنى ئوتتۇردىن يېرىپ، ئاۋال قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، كەينىدىن ئۇششاق پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.  ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كۆكمۇچنىمۇ توغرايمىز.
Step 2

    كالا گۆشىنى چاناپ قىيما قىلىپ، بىر قوشۇق تۇز، مۇۋاپىق مىقداردا قارىمۇچ، بىر قوشۇق شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، غولپىياز مايسىسى چانالمىسى ۋە توغرالغان قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ قاتارلىقلارنى قوشىمىز.
Step 3

    قولىمىزدا چىڭ مۇجۇپ ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، قولىمىزدا كۇمىلاچ قىلغاندىن كىيىن، ئۈستىدىن ئاستاغىنا بېسىپ، ياپىلاق ھالەتكە ئەكىلىمىز.
Step 4

    قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىغاندىن كىيىن، كالا گۆشى قاتلىمىسىنى سېلىپ، كىچىك ئوتتا 3مىنۇت داغلايمىز؛ بىرىنچى يۈزى داغلىنىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە بىر يۈزىنى ئۆرۈپ يەنە ئۈچ مىنۇت داغلايمىز.
Step 5

    داغلىنىپ بولغاندىن كىيىن كالا گۆشى قاتلىمىسىنى تەخسىگە ئېلىۋىلىپ، قازاندىكى مايغا ئىككى قوشۇق سۇلۇق كىراخمال، مۇۋاپىق مىقداردا قارىمۇچ قوشۇپ، قايناپ چىققاندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرۋىتىمىز.
Step 6
    قازاندىكى قىيامنى تەخسىدىكى كالاگۆشى قاتلىمىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيساق، بۈگۈنكى ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى رەڭلىك لاز قاتلىمىسى تەييار بولىدۇ.
Step 7
    كالا گۆشى ئاسان پىشىدۇ، شۇڭا بەك ئۇزۇن داغلىۋەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ داغلىغان ۋاقىتتا كىچىك ئوتتا داغلاش كىرەك، بۇنىڭدا ئارىسىمۇ ئوخشاش پىشىپ چىقىدۇ.

ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى

كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قات

ئاچچىق تەملىك توشقان گۆشى قورىمىسى

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ

كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ

ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بو

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى

خام ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاك

ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەن

بېلىق تەملىك گۆش قۇرىمىسى

خام ماتىريالى؛كالاگۇشى،سەۋزە1تال،قاراقېرىنقۇلاق،كوكمۇچ،غولپىياز ، سامساق،زەنجىۋىل, كىراخمال تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،جاڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号