قىشنىڭ سۇغۇق كۈنىدە، كالا پەش گۆشى دۈملىمىسى تېخىمۇ تېتىيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 326443:قېتىم كورۇلدى
   كەچ كۈزنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، زىمىستان قىش كۈنلىرى يېتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا؛ ھازىر ھاۋا بارغانسېرى سۇۋۇپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنكىدەك كۈندە كىيىمنى قېلىن كىيىپ بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلغاندىن باشقا، ئىسسىق باسىدىغان تائاملارنى كۆپرەك يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.
   بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائام، تۇرۇپ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان كالا پەش گۆشى دۈملىمىسى بولۇپ، يەپ بولغۇچە تەر چىقىرىپ، پۈتۈن بەدىنىڭىزنى ئىللىتىۋىتىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: كالا پەش گۆشى، ئاق تۇرۇپ
   كىتەرلىك خۇرۇچلار: ئاق ئاچچىقسۇ، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، شېكەر، تۇز، قاقمۇچ، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، سامساق، زەنجىۋىل، غولپىياز مايسىسى، يۇمغاقسۈت
 
-1-
   كالا پەش گۆشىنى مۇۋاپىق چوڭ-كىچىكلىكتە توغراپ، ئازراق زەنجىۋىل بىلەن بىللە قاينىغان قازانغا سېلىپ ئىككى مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزىمىز؛ ئاق تۇرۇپنى ئاقلاپ يۇيۇپ، پارچە ھالىتىدە توغرىغاندىن كېيىن، قايناۋاتقان سۇغا بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋىتىپ، تۇرۇپنى سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرىمىز.
-2-
   قازانغا ماي قۇيۇپ، سامساق ۋە قاقمۇچنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن كالا گۆشىنى سېلىپ، ئۈستىگە ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ قورۇيمىز؛ گۆش قورۇلۇپ سارغايغاندىن كېيىن، قازانغا كالا گۆشى چۆكۈشكىچىلىك سۇ قۇيىمىز.
-3-
   قازانغا، شاكال بەدىيان ۋە قوۋزاق دارچىندىن مۇۋاپىق مىقداردا، بىر قوشۇق تۇز، يېرىم قوشۇق شېكەر قوشۇپ، چوڭ ئوتتا قازاننى قايناتقاندىن كېيىن، تۇۋاقنى يېپىپ 30مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز؛ ئاخىرىدا ئاق تۇرۇپنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا قازاننى قايناتقاندىن كېيىن، ئوتنى يەنە كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، يەنە 15مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز؛ ۋاقىت توشقاندىن  كېيىن، ئۈستىگە توغرالغان يۇمغاقسۈتتىن ئازراق قوشۇۋەتسەكلا، بۈگۈنكى كالا پەش گۆشى دۈملىمىسى تەييار بولغان بولىدۇ.
   پەش گۆش، كالىنىڭ ئەڭ جەۋھەر قىسىمى بولۇپ، گەرچە يىيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئادەمنى ئاسانلا قوقاقلاندۇرۇپ قويىدۇ؛ لېكىن، تۇرۇپنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولغاچقا، ئىككىسى بىللە قوشۇپ دۈملەنگەندە، ئىسسىق بىلەن سۇغۇقنى نىتراللاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى

كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قات

ئاچچىق تەملىك توشقان گۆشى قورىمىسى

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ

كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ

ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بو

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى

خام ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاك

ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەن

بېلىق تەملىك گۆش قۇرىمىسى

خام ماتىريالى؛كالاگۇشى،سەۋزە1تال،قاراقېرىنقۇلاق،كوكمۇچ،غولپىياز ، سامساق،زەنجىۋىل, كىراخمال تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،جاڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号