قىزارتىپ قورىلغان كالا گۆشى بەرەنگە قورۇمىسى
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 62756:ئادەم ئۆگەندى

   خام  ماتېرىيالى :كالا گۆشى،بەرەنگە،سەۋزە، چىلان ، كۆك-قىزىلمۇچ    باش پىياز ،سۇيېغى


   تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، تېتىتقۇ،ئاقشېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن شاكال بەدىيان،زەنجىۋىل ،قاقمۇچ،سامساق،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇر قىيامى،


   تەييارلاش ئۇسۇلى :كالاگۆشىنى .ياڭاق چوڭلۇقىدا پارچىلاپ تەييارلايمىز. بەرەنگە،سەۋزىنى ياڭاق چوڭلۇقىدا توغرايمىز .باش پىياز،سامساق،زەنجىۋىلنى ئۇششاق يالپاق توغرايمىز.


   قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا بىر چۇمۇچ ماي قۇيۇپ يېرىم چۇمۇچتىن ئازراق سېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ كۇپۇكچىلەر پەيدابولغاندا،كالاگۆشىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ،قورۇپ،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،زەنجىۋىل،قاقمۇچ،غولپىياز،سامساق، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇر قىيامى،قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇپ تۇز سېلىپ گۆش چىلاشقۇدەك سۇقۇيۇپ1سائەت( يۇقىرى بېسىملىق قازان بولسا20مىنۇت) ئەتراپىدا قاينىتىپ ئاندىن بەرەنگە،چىلان،سەۋزىنى سېلىپ قايتىدىن دۇملەپ يۇمشاق پىشقاندا تۇز تەملىرىنى تېتىپ،كۆك-قىزىلمۇچلارنى سېلىپ تەخسىگە ئۇسىمىز.


 

ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى

كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قات

ئاچچىق تەملىك توشقان گۆشى قورىمىسى

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ

كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ

ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بو

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى

خام ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاك

ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەن

بېلىق تەملىك گۆش قۇرىمىسى

خام ماتىريالى؛كالاگۇشى،سەۋزە1تال،قاراقېرىنقۇلاق،كوكمۇچ،غولپىياز ، سامساق،زەنجىۋىل, كىراخمال تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،جاڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号